مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن كونا شەھەر ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى ئاشتى

    ئامانگۈل2017-02-15 12:08:47شىنجاڭ گېزىتى

     چىمەنگۈل كەنجى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلغانلىق خۇش خەۋىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېزا ياشلىرىنى خۇش قىلدى. ئۇپال بازىرىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى 20 ياش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

     ئوپال بازىرىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كەنتتىكى 1200 نوپۇس ئىچىدە ئارتۇق ئەمگەكچى 400 دىن ئاشاتتى. ئىلگىرى كەنت تەشكىللىگەن مەجبۇرىيەت ئەمگىكى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش ئاكتىپلىقىنى بوغۇپ قويغانىدى. ئاپتونوم رايون يولغا قويغان مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشتىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە ئۇپال بازىرىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئۇچۇر سۇپىسى قۇردى.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بى لەنچىڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن ياش تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنى ئىزدەپ ئۆزلىرىنى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا ۋە ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز گۇاڭجۇ شەھەرچىسىدىكى بىر قانچە كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ‹‹ۋەن ۋېي›› ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىدا ئىش ئورنى بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى، كەنتىمىزدىكى ياشلارنىڭ ئىشلىشىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەر خىزمەتچىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، شۇڭا بىز بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە 20 ياشنى ‹‹ۋەن ۋېي›› ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىدا ئىشلەشكە تەشكىللىدۇق.

     ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى ئەخمەتجان ھۈسىيىن 2014 – يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە بېرىپ، ‹‹تەيگۇاڭ›› ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلىگەن بولۇپ، قەشقەر ‹‹ۋەن ۋېي›› ئېلېكتىرون پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندىن كېيىن سېختىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش بىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇت بەك ياخشى ئىكەن، بىزدەك ياشلارنىڭ ئىشلىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، ئىلگىرى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتنىشىش سەۋەبىدىن سىرتقا ئىشلىگىلى چىقالمايتتۇق، ھازىر دۆلەت مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلدى، ئەمدى مەن تىرىشىپ ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىمنى كۆپەيتىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.