مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

    ئامانگۈل2017-02-13 10:24:31شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ‹‹يىخۇا›› شىركىتىدە پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى

     چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

      گەي يۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سەھەر سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانا شىنجاڭ ‹‹يىخۇا›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى كالتسىي كاربىد ئىشلىرى بۆلۈمى 5 – نومۇرلۇق كالتسىي كاربىد پېچى 2 – نومۇرلۇق ئېلېكتىر قۇتۇپى ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، بوشلۇقتا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى. ھادىسىدە ئىككى كىشى نەق مەيداندا قازا قىلدى، ئۈچ كىشى ئېغىر يارىلاندى، بەش كىشى يېنىك يارىلاندى. ھازىر ئېغىر يارىلانغان ئۈچ كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا، يېنىك يارىلانغان بەش كىشى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

     ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ھادىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تېزدىن تەستىق سېلىپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېزدىن خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ھادىسىدىن ساۋاق ئېلىپ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھادىسىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزدىن تەشكىللەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

     ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى يولداشلارنى باشلاپ ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى يولداشلارنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى.

     ھازىر خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.