مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-02-07 10:43:15شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 9–نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

    شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى، شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇلتۇردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەھمىيەت بېرىپ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ‹‹ئىنتىزام تەربىيەسى يىلى›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىدا قاتتىق بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خەنجىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ‹‹ئۈچنى تەرتىپكە سېلىش››نى يولغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى نازارەت قىلىشنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك جازالاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولدى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ، 6 – ، 7 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ گەرچە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تۇرۇۋاتقان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە بىر تەرەپ يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك:

     بىرىنچى، قەتئىي سادىقلىقنى ساقلاپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. يادرونى قەتئىي قوغداش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، ئىچى – تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزالىق ئېڭى، تەشكىلىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. غايە، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. مەدەنىيەت تونۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەخلاق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى كۈچى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پاكلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پاك – ئىنتىزامچان بولۇش تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇق ئىشلىتىشتە پاك بولۇپ، پاكلىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئائىلىنى پاكلىق بىلەن تۈزەش كېرەك. رەھبەرلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ سودا قىلىش، ئىش بېجىرىش قىلمىشلىرىنى قانۇن، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. ‹‹ئوننى تەرتىپكە سېلىش››نى چوڭقۇر تۇتۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى پولاتتەك ئىنتىزام قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت خىل خاھىش››، ‹‹تۆت خىل كەيپىيات›› قىلمىشلىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا نېگىزلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇكاپاتلاش، جازالاش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى ئېنىق ئايرىپ، ئىقتىدارلىقلارنى ئىشقا قويۇش، ئىقتىدارسىزلارنى ئىشتىن قالدۇرۇش، ناچارلىرىنى شاللاشتەك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، تۆھپە يارىتىشتا بەسلىشىدىغان قويۇق مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچى، كۆزىتىش خەنجىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چۆچۈتۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئورۇننى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ تېپىپ، قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، خەنجەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئۈچ دەرىجە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېسىم ھېس قىلدۇرۇپ، چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان سەلبىي تىپلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

     بەشىنچى، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىكنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسىنى يوقىتىش كېرەك. ‹‹يولۋاس››قىمۇ، ‹‹چىۋىن››گىمۇ تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى نازارەت قىلىشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. جازالاش، ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرىنچى قول باشلىقتىن ئىبارەت ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى، بولۇپمۇ ھازىر مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولغان رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ توپنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. دىققىتىمىزنى شەھەر – يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىلمۇ خىل ‹‹كەنت زومىگەرلىرى››، ‹‹خىيانەتچى كىچىك ئەمەلدارلار››نى جازالاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان دېلولارنى ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر›› دېلولىرىنى، چوڭ – مۇھىم دېلولارنى ھەم ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن دېلولارنى، چىرىكلىك دېلولىرىنى ھەم قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، قائىدە – تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تەدرىجىي ئورنىتىش كېرەك.

     ئالتىنچى، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئادەم تاللاش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى تونۇشى بىلەن ئەمەلىي ئىپادىسىنى زۆرۈر شەرت قىلىش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولغان، بىر قەدەر كۈچلۈك ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىل ئىشلىتىش، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشتا تونۇشى ئېنىق، تەدبىرى كۈچلۈك، نەتىجىسى روشەن بولغان كادىرلارنى دادىل ئۆستۈرۈش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە مەيدانغا چىقالايدىغان، ئالغا باسالايدىغان، تىرەپ تۇرالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان كادىرلارنى دادىل ئۆستۈرۈش كېرەك. نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكىلىنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئۆتكەل، قۇرۇلما ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى، يۆنىلىش ئۆتكىلى، پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئۆتكىلى، نازارەت قىلىش ئۆتكىلى، مەسئۇلىيەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ‹‹توققۇزنى مەنئى قىلىش›› تەلىپى ۋە ‹‹توققۇز بىردەك›› بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان نۆۋەت ئالمىشىش سايلام مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹تامچا سۇ تاشنى تېشەر›› دېگەندەك شىجائەتكە كېلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بوش بولۇش، بوشاڭ بولۇش، يۇمشاق بولۇشتىن تەلەپچان بولۇش، چىڭ بولۇش، قاتتىق بولۇشقا يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ شۇجىلىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى 1 – مەسئۇلىيەتنى ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلىشى، ھەر ۋاقىت زىممىسىگە ئېلىشى، قولىدا مەھكەم تۇتۇشى، بەنزە ئەزالىرى ‹‹بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت››نى ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى) نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا يوچۇقسىز بولۇش، قىلچە يول قويماسلىق، تولۇق قاپلاشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادتا ساداقەتمەن، ھەرىكەتتە ياۋاش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلدا ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، خەلققە خىزمەت قىلىش جەھەتتە غەمگۈزار، ئىتتىپاقلىق جەھەتتە تۈرتكە بولىدىغان، ئىنتىزامدا تەلەپچان، پاك – دىيانەتلىك جەھەتتە پاكىز كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيەۋىلىكىنى چىڭىتىپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدار، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ۋە ئۇنى ھەممە ئادەم قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

     شۈ خەيرۇڭ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

     يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.