مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو چاغاننىڭ ئالدىدا تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

    ئامانگۈل2017-01-26 11:06:23شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋە بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو چاغان ئالدىدا تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە، بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونى كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى بىڭخۇ مەھەللىسىدە كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئاھالىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

       ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو چاغان ئالدىدا تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە، بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

      چېن چۈەنگو ئىدىقۇت رايونىدىكى ‹‹تيەنماجيايۇەن›› تاللا بازىرىغا بېرىپ، چاغانلىق بازار تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تاللا بازىرىدا خېرىدارلار كۆپ بولۇپ، ماللار تولۇق ھەم سەرخىل ئىدى. چېن چۈەنگو تاللا بازىرىنى ئايلانغاچ، پات – پات توختاپ نەرسە – كېرەك ئېلىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكتىن ئەھۋال سوراپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى ھەم چاغانلىق مال سېتىۋېلىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. بىر شەھەر ئاھالىسى خۇشاللىق بىلەن: چاغانلىق ماللارنى ئاساسەن ئېلىپ بولدۇق، كۈنلىرىمىز ياخشى، دېدى.

     چېن چۈەنگو ھەر بىر مال جازىسى ئالدىدا تاۋارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، باھاسى، سېتىلىش مىقدارى ۋە زاپاس ساقلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى. چېن چۈەنگو چاغانلىق بازار تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك، باھانىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇش بولدى.

     ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامما مالنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، باھاغا ئەڭ سەزگۈر كېلىدۇ، يۆتكەش بىلەن زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئوبوروت ھالقىسىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىپ، تەقسىملەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش؛ سۈپەت ۋە باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆڭۈللۈك مال سېتىۋېلىش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، بىخەتەر ئىشلىتىش، چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

     تاللا بازىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان يايمىدىكى پانۇس، باھار بېغىشلىمىلىرى كىشىگە خۇشاللىق بېغىشلايتتى، رەڭگارەڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. چېن چۈەنگو باھا ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشىنى تىلىدى.

     چېن چۈەنگو ھەممە كىشى خۇشاللىق بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىۋاتقان چاغدا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئالايىتەن ئىدىقۇت رايونىنىڭ كوناشەھەر يولى كوچا باشقارمىسى بىڭخۇ مەھەللىسىدىكى ۋاڭ فېي ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋاڭ فېي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوستى بارى مەمەت ئەر – خوتۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە چاغانلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاۋاتاتتى. چېن چۈەنگو بۇ ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى. چېن چۈەنگو: ئائىلەڭلەردە قانچە جان بار؟ ئاساسلىقى نېمىدىن كىرىم قىلىسىلەر؟ تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟ دەپ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. ۋاڭ فېي چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن، يان تېلېفون بازىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ، ئوغلۇم ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار. چېن چۈەنگو ۋاڭ فېيغا مەدەت بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئىشچان ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ تىرىشساڭلار، تۇرمۇشۇڭلار جەزمەن كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىدۇ. چېن چۈەنگو ۋاڭ فېي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بارى مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشقىنىغا يەتتە يىل بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، دائىم باردى – كەلدى قىلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم ئۇلارنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلدى. چېن چۈەنگو يەنە بارىنىڭ نەۋرىسى گۈلزىباغا چاغانلىق پۇل، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىگە ھال سوراش پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىغا خۇشاللىق تىلىدى.

     چېن چۈەنگو مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىدە مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، قولاي مۇلازىمەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلدى: ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالدىنقى سەپ كۆزنىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

     مەھەللىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە مەھەللە ئاھالىسى چېڭ شىنكەي بىلەن روزى مەھەللىدىكىلەرگە ھەقسىز باھار بېغىشلىمىسى يېزىپ بېرىۋاتاتتى. ‹‹ئۆملۈك بىلەن بولۇر جەمئىيەت ئىناق، ئەل قىلىنسا مايىل مىللەتلەر بولۇر ئىتتىپاق››، ‹‹ ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشناپ، تاغ – دەريالىرىمىز گۈزەللەشتى، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلىشىپ، مېھىر – مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى››... ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان باھار بېغىشلىمىلىرى ئۈستەلگە تىزىلغانىدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى كۆرگەچ، بوش ئاۋازدا ئوقۇپ، بۇ باھار بېغىشلىمىلىرىنىڭ ياخشى ھەم چىرايلىق يېزىلغانلىقىنى تەرىپلىدى. چېڭ شىنكەي بىلەن روزى مۇنداق دېيىشتى: چاغان مەزگىلىدە ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىدىكىلەرگە مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇش بولدۇق. چېن چۈەنگو مەھەللە مەسئۇللىرىغا مۇنداق دېدى: تەجرىبىلەرنى ياخشى يەكۈنلەپ، كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئىنچىكە، ئۇششاق، ئەمەلىي ئىشلارنى جايىدا قىلىشقا كۈچەپ، يەرلىككە، ئەلگە يېقىنلىشىپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئىشلارنى ئۇزاققىچە ياخشى قىلىشىڭلار كېرەك.

     چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە ئويۇن تەييارلاۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى شۇجى چېن چۈەنگونىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، خۇشاللىق بىلەن مەھەللىنىڭ پائالىيەت مەركىزى زالىغا يىغىلدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن بىللە خۇشال – خۇرام پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. جۇ چيەنفىڭ بىلەن ئايگۈل ئەپرۇلنىڭ توي قىلغىنىغا 18 يىل بولغان بولۇپ، ئىككىسى ئۆرپ – ئادەتلەردە بىر – بىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ، ئاتا – ئانىلىرىغا ۋاپادار بولدى، ئۇلار ھەر يىلى چاغان، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق، بىڭتۈەندىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ چاغاننى شاد – خۇراملىق ۋە خەيرىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىنى تىلىدى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا يەڭنى تۈرۈپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.