مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك 

    ئامانگۈل2017-01-20 10:53:36شىنجاڭ گېزىتى

    يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

     باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىيئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك 

    دۇ چىڭلىن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى

    17-يانۋار، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ‹‹خېڭخۈي›› ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا بېرىپ، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ تىجارەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى. 

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 1 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلدى، ئۇ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا چاغانلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ھەم مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئېڭى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

     زېمىستان قىشتا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ، كۈمۈش رەڭ لىباس كىيگەنىدى. يۈ جېڭشېڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگونىڭ ھەمراھلىقىدا، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ليەندۈيلەر، مەھەللىلەر، كارخانىلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

     يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ بىڭتۈەن 12 – شىسىدىكى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، تۇدۇڭخې دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خەلق ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كۆپچىلىككە چاغانلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. يۈ جېڭشېڭ سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى نۆۋەتچىلىك قىلىش ليەنىگە كېلىپ، ليەندۈينىڭ ياتاق، ئاشخانا، مەشىقلەندۈرۈش رايونى، قورال – ياراغ ئامبىرى، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئامبىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كۈندىلىك مەشىق ئەھۋالى بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىش، تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئىلمىي مەشىق قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان كۈچلەرگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ھەقىقىي بىخەتەر، ئىناق بولغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

     تۇدۇڭخې دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ‹‹تۇڭخې. بەختلىك شەھەر›› مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 17 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش داۋامىدا چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت باغلاپ ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان. يۈ جېڭشېڭ مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت چوڭ زالىغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلاردىن مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى، مىللەت قۇرۇلمىسى، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ خىزمەتچى خادىملارغا ھەر مىللەت خەلقىنى ئۇرۇق – تۇغقاندەك كۆرۈش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى جان – دىل بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى. تەربىيەلەش ئۆيىدە، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر نەچچە ياش ئالاقە تورىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاتاتتى، ئۇلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن سۈپەتلىك قىزىل ئۈزۈمنى توردا سېتىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى، يۈ جېڭشېڭ ئۇلارنى ماھارەتنى ياخشى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يېتەكلەپ، بېيىش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى. پائالىيەت ئۆيىدە ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، نەغمە – ناۋا قىلىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى. يۈ جېڭشېڭ ئۇلاردىن تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېجىل – ئىناق بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە، ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيىدە مەھەللىدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكا ئۆگىنىشى قىلىۋاتاتتى، بۇ ياچېيكىدا يېشى ئەڭ چوڭلىرى 90 ياشقا يېقىنلاشقان، يېشى ئەڭ كىچىكلىرى يېڭىلا پېنسىيەگە چىققانلار بولۇپ، ئۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن پېشقەدەم يولداشلار ئىدى. يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش ۋە قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان شەرەپلىك چاغلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، پېشقەدەم ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر، ئائىلىسىگە بەخت تىلىدى، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، بىڭتۈەندىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

     شىنجاڭ ‹‹خېڭخۈي›› ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا ھازىر 1157 سودىگەر ئورۇنلاشقان بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار 5000 دىن ئاشقانىدى، بۇ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارا ئالاقە قىلغانلىقىنىڭ، يەنىمۇ بىرلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. يۈ جېڭشېڭ ‹‹خېڭخۈي›› بازىرى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، سېتىلىش كىرىمى، تەسىر دائىرىسى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىگىلىدى. ‹‹تيەنكاڭ›› بىيو پاي چەكلىك شىركىتى بىيو دورىگەرلىك، يەم – خەشەك پىششىقلاش، زامانىۋى باقمىچىلىق، پىششىقلاش، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان، پېيى بازارغا سېلىنغان كەسىپلەشكەن شىركەت بولۇپ، 2016 – يىلى يىللىق سېتىلىش كىرىمى 6 مىليارد يۈەندىن ئاشقانىدى. يۈ جېڭشېڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت، سېتىلىش، تېخنىكا تەتقىقات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنى بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، كارخانىنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى ۋە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

     يۈ جېڭشېڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭغا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشقا كېلىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدى. يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش داۋامىدا، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، بىڭتۈەندىكى قىسمەن شى، تۈەن – مەيدان ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. يۈ جېڭشېڭ 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۈەننى تەشكىللەپ قۇرۇش ۋە كۈچەيتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، چىگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى توغرا ئىگىلەش، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەركەز بېكىتكەن بىڭتۈەننىڭ مۇھىم ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى كۈچەيتىش، ‹‹ھۆكۈمەت››نىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە تۈەن – مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پائال، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتتا ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

     يۈ جېڭشېڭ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. يۈ جېڭشېڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىغا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ھەم مەدەت بېرىپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم شىنجاڭغا مەخسۇس تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشقا كەلگىنىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز، ئەلا نەتىجىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى رەھبەرلەردىن خې لىفېڭ، شى داگاڭ، لى جاۋ، دۇ يىڭ، لى ۋېي، خۇ جىڭلىن، خۇ يىشۇ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى ھەم مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.