مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    2017-يىلى شىنجاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا 34 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تىرىشىپ تاماملايدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-12 12:30:45تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
       شىنجاڭ 2017-يىلى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ «بېسىق مەزگىلى»نى كۈتۈۋالىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل كورلا-گېئېرمۇ، ئاقسۇ-ئالار تارماق لىنىيەسى، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار، قاراماي-چۆچەك قاتارلىق تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلىپ، 34 مىليارد 700 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىش تىرىشىپ تاماملىنىدىكەن.

       بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كۆپ تەرەپلىمە مەبلەغ توپلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار-قۇمۇل، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشى باشلىنىدىكەن.

       جاڭ چۇنلىننىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلى ۋە 2017-يىلى باشلانغان تۆمۈريول تۈرلىرى 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئىشلىتىلىشكە باشلايدىكەن، بۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول تىرانسىپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.