مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىستىل قۇرۇلۇشى مۇھىم ھالقا

    ئامانگۈل2017-01-12 11:47:19شىنجاڭ گېزىتى

     گۈلمىرە مۇھەممەد

     ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› تا: ‹‹ھوقۇق بولغان يەردە جەزمەن مەسئۇلىيەتمۇ بولىدىغان، ھوقۇق بولغان يەردە مەسئۇلىيەتنى جەزمەن ئۈستىگە ئالىدىغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرىدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى شەكىللەندۈرىمىز؛ <ئۈچ تۈرلۈك تۈزەش>نى ئەتراپلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىكنى قىلچە كەچۈرمەسلىك پوزىتسىيەسى بىلەن جازالاپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى ۋە ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيەنى بارلىققا كەلتۈرىمىز›› دېيىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە بۇ توغرىسىدا بەس – بەستە پىكىر قىلىپ، كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ۋەكىل، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى رىشات مۇساجان بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى خوتەن شەھەرلىك پارتكوم شەھەر بويىچە ‹‹ئىستىلنى ياخشىلاش، ساپانى كۈچەيتىش، ئۈلگە تىكلەش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە جازالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر بويىچە ‹‹ئۈچ تۈرلۈك تۈزەش›› ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق خوتەن شەھىرىنىڭ يىغىن ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى. دوكلاتتا: ‹‹نازارەت قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقايمىز ۋە ھەل قىلىمىز. نازارەت قىلىش جەريانىدا بايقالغان كادىرلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك مەسىلىلىرىدە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ھۇرۇنلۇق، سۇسلۇقنى قەتئىي تۈزەيمىز›› دېيىلدى. 2017 – يىلى بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ‹‹ئىستىلنى ياخشىلاش، ساپانى كۈچەيتىش، ئۈلگە تىكلەش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خوتەن شەھىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.

     ۋەكىل ماھىنۇر مۇنداق دېدى: ئىستىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش نۆۋەتتىكى پۇختا ئىشلەشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. دوكلاتتا: ‹‹راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز. بىيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىمىز›› دېيىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز چوقۇم باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپتىكى ناچار ئىستىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئىسراپخورلۇق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قاتارلىق خاھىشلارنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

     ۋەكىل ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا: ‹‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە خەلقنى رازى قىلىش خىزمەتلىرىمىزدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك چىن ئەقىدە. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ۋە سەۋىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز›› دېيىلدى. قەشقەر ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قوۋۇقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى. قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بولۇپمۇ ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇشىغا، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىقتەك ئەشەددىي ‹‹دۈشمەن››گە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج. شۇڭا بىز كادىرلار ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ياخشى خىزمەت ئىستىلى بىلەن باش نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.