مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلسۇن

    ئامانگۈل2017-01-11 17:41:53شىنجاڭ گېزىتى

      مۇبارەك ئىسمائىل، مۇيەسسەر ئاباھامىت

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى – تۆۋەن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بۇلتۇر 10 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش دولقۇنى قوزغىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئۈستىدە قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، بۇ پائالىيەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىم،دېيىشتى.

     ئاقچى ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەزا گۈلسۈن تۇردى مۇنداق دېدى: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا بۇ يىغىنغا ئاممىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى يۈرەك ساداسىنى ئېلىپ كەلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى، مەن ئاۋامنىڭ ساداسىنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزۈشۈم كېرەك.

     جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىدىكى ئەزالار مۇنداق قارىدى: ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاساس مائارىپنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاساس مائارىپى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

     ئەزا ئامانگۈل سىدىق مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممەيلەننىڭ قوغدىشىغا موھتاج، بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىمەن.

     ئەزا جاڭ لىبىن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەخسۇس فوندى›› تەسىس قىلىپ، ئۇنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك.

     ئەزا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاۋ جياچى مۇنداق دېدى: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ئەھمىيەتلىك مۇھىم پائالىيەت، ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، دەرسلەرنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن سۆزلىگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

     ئەزا، مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى روشەنگۈل ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇر – خەنزۇ ئارىلىشىپ ئوقۇيدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتى تەشۋىقاتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى ياخشى قىلىپ، ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن.

     ئاياللارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئالاھىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئاياللارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدىمۇ تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ئەزا مەۋجۇدە ئىنايەت نىلقا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقى، قوشماق تۇغقانلار بىر – بىرى بىلەن باردى – كەلدىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ئۆتۈۋاتقانلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ كىچىكىدىن دوست بولۇپ، مېھىر – مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق – تۇغقاندەك ئۆتۈشىدە ئاياللارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: ‹‹جايلاردىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەۋەلىكىدىكى ئاياللارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتۇشى كېرەك›› دېدى.

     ماناس ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەزا تۇنىسا ئىمىن مۇنداق دېدى: ئانىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ئائىلىدە ئەينەك، ئانىنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيەسى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىمۇ جەمئىيەتكە، ئەتراپىدىكىلەرگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ناھىيەمىزدە ‹‹مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپى›› قۇرۇلۇپ، ھەر مىللەتتىن بولغان قىيىنچىلىقى بار، ئاجىز، مېيىپ، قارىغۇچىسى يوق بالىلار ۋە چوڭلارغا ياردەم قىلغانىدى. بۇ ئاياللارنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر قوشۇن بارغانسېرى زورايدى، بالىلارمۇ ئانىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ئەتراپىدىكى ياردەمگە موھتاج ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى ھەم دوستلىرىغا ياردەم قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

     ئەزا گۈلىستان ئېزىز يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ 2016 – يىلى يېزىنىڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇش، سانائەت رايونى بار بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇ ئاياللار بىلەن ئۇيغۇر، تاجىك ئاياللارنى دوستلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپلا قالماي، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر، تاجىك ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇر، تاجىك ئايال قېرىنداشلىرىدىن تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆز ئەمگىكى بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىرادىسىگە كەلدى. پەرزەنتلەرمۇ بىر – بىرى بىلەن دوست بولۇپ، تىل ئۆگىنىپ، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.