مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ

    ئامانگۈل2017-01-11 17:40:14شىنجاڭ گېزىتى

     مۇيەسسەر ئاباھامىت

     باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىل 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندىن بۇيان، مەركەز، ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكىلەر ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى تەكلىپ – پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     ‹‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم›› ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئەزا قۇربانجان سەمەت يىغىندا مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ يۈكسىلىدۇ. ‹‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم›› دېگەن كىتابتا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر تونۇشتۇرۇلغان، ئاددىي كىشىلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىيالىدى. شۇڭا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئامما قوبۇل قىلالايدىغان، ئاددىي، تىتىملىق قىلىپ دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تارقىتىپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىمىزدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەت 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى، ئەزا گۈزەلنۇر قۇربان مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئويۇن قويساق، دېھقانلار ئاز كېلەتتى، كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم بولاتتى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان ياخشى نومۇرلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى بىلەن ئامما ئويۇنلىرىمىزنى قىزىقىپ كۆرىدىغان بولدى. شۇڭا سەنئەتكارلارمۇ مول ئەدەبىيات – سەنئەت بايلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشىمىز، شىنجاڭغا، دەۋرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تونۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

     شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەت 1 – دەرىجىلىك ئۇسسۇلچىسى، ئەزا ئامانگۈل سىدىق مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۇسسۇلچىلار كىچىكلا خىزمەتكە چىقىپ، بالدۇرلا سەھنىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنى يېشىغا قاراپ ئەمەس، خىزمەت يىل تارىخى بويىچە بالدۇرراق دەم ئىلىشقا چىقىرىپ، ياش ئۇسسۇلچىلارغا ئورۇن بوشاتقاندا، ياش ئۇسسۇلچىلارنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇلچىلىق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق سېرىكچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزا رەنا يۈسۈپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ‹‹ياخشىمۇسىز، نەسىردىن ئەپەندىم›› سېرىك كېچىلىكىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نەچچە يۈز مەيدان قويۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ئېرىشتۇق ھەم نۇرغۇن شان – شەرەپنى قولغا كەلتۈردۇق. مانا مۇشۇنداق شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سېرىك نومۇرلىرى ئىجادىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى سېرىك سەنئىتىمىز ئارقىلىق نامايان قىلىپ، شىنجاڭ سېرىكچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرسەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.