مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    نىيە ناھىيەسىدىن لوپ ناھىيەسىگىچە 256 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدۇ

    بۇئايشەم2017-01-11 09:58:21تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، خوتەننىڭ نىيە ناھىيەسىدىن لوپ ناھىيەسىگىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە چارلاش- لايىھەلەش، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

        بۇ لىنىيەنى 256.176 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، تۆت ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدىغان قىلىپ ياساش پىلانلانغان.

        ئىگىلىنىشىچە، نىيە-لوپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، بۇ تۈر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدا بولۇپ، شەرقتە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قوشنا، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن، شىمالدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ.

        بۇ تۈرنىڭ چارلاش-لايىھەلەش، خېرىدار چاقىرىش باسقۇچى ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ، 2017-يىلى 25-فېۋرالدىن بۇرۇن دەسلەپكى چارلاش- لايىھەلەش باسقۇچى تاماملىنىدىكەن، لېكىن كونكرېت قۇرۇلۇش باشلاش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.