مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-01-01 12:25:56شىنجاڭ گېزىتى

    ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن چايغا قاتناشتى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى چايغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى، نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى

    جاڭ لېي

       ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2016-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىدە يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلار بىلەن بىللە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

       ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 2016-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ «مەرھابا» مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزىدە يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى.

      مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپكە بىنائەن چايغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، دوستلۇق ئىزھار قىلىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، 2017-يىللىق يېڭى يىلنى بىللە كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

      چېن چۈەنگو ياڭراق ئالقىش ساداسى ئىچىدە قىزغىن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە مىللەت-دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، شىنجاڭدىكى ئىشچىلار، دېھقان-چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم يولداشلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ج خ كادىر-ساقچىلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان بارلىق دوستلارغا يېڭى يىللىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

      چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2016-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، كۈچلۈك قوللىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولدى.

      چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ قوشۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2017-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى رېن شيۇجۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزملىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد توختىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۈرۈمچىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار چايغا قاتناشتى.

      ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى؛ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللەر؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، قەھرىمان-نەمۇنىچىلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى، مۇنەۋۋەر ياشلار، ئاياللار، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار چايغا قاتناشتى.

      چايدا، ھەر مىللەت ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.