مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى 12-قېتىم ئۆستۈرىدۇ

    ئايگۈل2016-02-02 18:16:19جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

      دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بۇ يىل كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسى كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدۇ ھەمدە ئورگان، كەسپى ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى تەڭ قەدەمدە تەڭشەيدۇ، بۇ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 11 يىل ئاشقان ئەھۋالدا يەنە 12-قېتىم ئۆستۈرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن جايلاردىن بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ چىقىرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھېسابلاشنى كۈچەيتىپ، كېپىللىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە كېپىللىك قىلىپ، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى يىغىپ، پىنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقىتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

      شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايون شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسى كۈتۈنۈش پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، پىنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجى كېچىكتۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا شەخسىي ھېساب تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قازا قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە كېسەل، مېيىپلىق تولۇقلىمىسى قاتارلىق دۆلەت قاتلىمىدىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئاساسىدا ئورگان، كەسپى ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى تېزلىتىدۇ.