مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ‹‹12–بەش يىل›› دا پىچان ناھىيەسىنىڭ ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى مۇقىم ئاشتى

    بۇئايشەم2016-02-02 12:58:26شىنجاڭ گېزىتى

        مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى ‹‹12 – بەش يىل››دا ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەش بىلەن يېڭى مالىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ناھىيەنىڭ ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى مۇقىم ئاشتى.

        بۇ ناھىيە ‹‹12 – بەش يىل››دا مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيەنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ‹‹كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، كىرىم – چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش›› مالىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن چىقىمنى قاتتىق تېجەپ، باج يىغىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، 2 –، 3 – كەسىپ ۋە ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئايانماي مەبلەغ سېلىپ، ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ‹‹يېشىل چىراغ›› يېقىپ بەردى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنىڭ جايىغا ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە ناھىيەنىڭ 2015 – يىللىق ئاممىۋى مالىيە خامچوت كىرىمى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ‹‹12 – بەش يىل››دا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12.17 ئاشتى.

        