مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئاشتى

    ئايگۈل2016-02-01 18:28:26شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

        يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇلتۇر ئىستېمالچىلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن 26.7 پىرسەنت ئاشقان.

        31 مىليارد 950 مىليون يۈەن ـــ شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەر كۈنى تور ئارقىلىق پارچە سېتىۋالىدىغان تاۋارلارنىڭ 87 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر چوڭ تاللا بازىرىنىڭ بىر يىللىق تىجارەت سوممىسىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىستېمالچىلارنىڭ توردا سېتىۋالىدىغان تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئىچكىرىنىڭ تاۋارلىرى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭلىق تور سودىگەرلىرى تاۋارلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىچكىرىگە سېتىپ چىقىرىدۇ.

        ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار توردا پارچە سېتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان پارچە سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

        نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكترونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۈلگىلىك ناھىيەدىن 13 نى بېكىتتى. يەتتە ناھىيە، شەھەرنى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ناھىيە قىلىشنى نىشانلىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكترونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۈلگىلىك ناھىيە بەرپا قىلىشنى ۋاستە قىلىپ، ئېلېكترونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروت، سودا، پۇل-مۇئامىلە، تەمىنات-سودا، پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي بايلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش»، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈش»تەك قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروتنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل يۆلەشنىڭ يىڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

        بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز رايون خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، داڭلىق ماركىنى نامايەن قىلىش، توردا مال زاكاز قىلىش، يەتكۈزۈش، سوغۇق، يېڭى پېتىچە ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان رايون خاراكتېرلىك ئىسكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مال يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.