مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    2015-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلاندى

    ئايگۈل2016-01-26 12:42:03جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

        مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى ۋە پېيى كونترول قىلىنىدىغان دۆلەت كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلانغان، قىسمەن كۆرسەتكۈچلەردە ياخشىلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر زور ئىكەن.

        مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 2015-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت كۆرسەتكۈچىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن:

        بىرىنچى، دۆلەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش دەرىجىسى داۋاملىق پەسەيگەن. ئىككىنچى، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش دەرىجىسى مەنفى ئېشىشتىن مۇسبەت ئېشىشقا ئۆزگەرگەن. ئۈچىنچى، تىجارەت ئومۇمىي تەننەرخى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن.

        ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ پايدا ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2015-يىلى قاتناش، خىمىيەلىك سانائەت ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق كەسىپلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر زور ئاشقان؛ كۆمۈر كەسىپىدە زىيان پايدىغا ئۆزگەرگەن، ئەمما كۆمۈر، نېفىت ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە نېفىت سانائەت قاتارلىق كەسىپلەردە ئېلىنغان پايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن؛ پولات تۆمۈر ۋە رەڭلىك مېتال كەسىپلىرى داۋاملىق زىيان تارتقان.