مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى

    بۇئايشەم2016-01-26 12:20:08شىنجاڭ گېزىتى

        مەخەت ھاموللا، ئوسمانجان ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: پەيزاۋات ناھىيەسى بۇلتۇر ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشقا دائىر ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، يېزا – بازارلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئەسقاتىدىغان ھۈنەر – كەسىپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقتىن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە 113 مىڭ 400 ئادەم/قېتىم ئېشىنچا ئەمگەكچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ 357 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى.

        مىشا يېزىسىنىڭ باش ئويتوغراق كەنتىدىكى رۇستەم تۇراق مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كورلا شەھىرىدە تۆت ئاي ئۆي بېزەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. نوقۇل دېھقانچىلىققا تايانسام بۇنچىلىك كىرىم قىلالمىغان بولاتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى نىيەت قىلدىم.

        