مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ‹‹شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى›› دېگەن كىتاب نەشردىن چىقتى

    بۇئايشەم2016-01-25 11:26:18شىنجاڭ گېزىتى

        جۇڭ مىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەشمىسى›› دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخىسى يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

        2016 – يىلى 6 – يانۋاردىن 7 – يانۋارغىچە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، مەركەزنىڭ تەلەپلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي يېڭى نورمال ھالەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى، ھەتتا 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، بىر قاتار ئاكتىپ سىگنال تارقىتىلدى، تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتلەر پىلانلاندى، بۇ كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ ھەم كىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى مۇتەخەسسىسلەر يەشمىسىنى ئاساس قىلغان بۇ كىتابنى نەشر قىلدى.

        بۇ كىتابقا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسلىق تاراتقۇ، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا مۇتەخەسسىسلەر يېشىپ چۈشەندۈرگەن خەۋەر – ماقالىدىن ئون پارچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىدىن ئىككى پارچە ۋە 16 ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭ يەشمىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئەمەلىي مىساللار كۆپ، خېلى ياخشى يېتەكلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى يۇقىرى.

        