مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بىر يول بىر بەلباغ

    <<بىر يول، بىر بەلباغ>> ئىستراتېگىيەسىدىن ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىغا نەزەر 

    ئامانگۈل2015-07-23 12:26:02شىنجاڭ گېزىتى

     مۇھەممەد ئىبراھىم

      دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2013 – يىلى 9 – ئايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىگە ۋە ھەمكارلىشىشقا كۈچەپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، <<بىر يول، بىر بەلباغ>> يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تەسەۋۋۇردىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ھەمكارلىشىش ھالىتىگە كىرگۈزدى.

       <<بىر يول، بىر بەلباغ>> ئىستراتېگىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىمۇ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىدى. دەسلىپىدىلا ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق يولى پورت تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچى – ئالمۇتا خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى ئوڭۇشلۇق قاتنىدى. ئۈرۈمچى – ئاستانە – چېليابىنسكىي خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى قاتارلىق تۈرلەر تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇشتا ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىسىمۇ شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاستى. ھازىر ئۈرۈمچىنى مەركەز، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالىدىن ئۆتىدىغان، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، شەرقتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 20 – ئاپرېل قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، ئاپتوموبىللار باشقۇرۇش، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېغىزىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قەشقەر خەلقئارا ئايروپورتى، دۆلەت ‹‹314››يولى، ‹‹315››يولى ۋە پىلانلىنىۋاتقان جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان، جۇڭگو – پاكىستان خەلقئارا تۆمۈريولىغا يېقىن، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شىنجاڭدىكى 2 – ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر يول، بىر بەلباغ›› يادرولۇق رايونى قۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەسىس قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە پۇختا بىر قەدەم باسقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

       شىنجاڭ ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، شەرق ۋە غەربنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار بۇ جۇغراپىيەلىك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، <<سىرتقا چىقىرىش>>تا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىپ، <<سىرتقا چىقىرىش>>تا يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ زەنجىرسىمان يۆتكىلىش، توپ شەكلىدە تەرەققىي قىلىش، سانائەت رايونى ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىك، سانائەت رايونى قۇرۇش، بايلىقلارنى قېزىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى.

       ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك، ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبە ئەسلىھەلىرىنى ياسايدىغان ھەم يەرشارى ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىشلىرىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت كارخانىسى. بۇ كارخانا 2006 – يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <<سىرتقا چىقىرىش>>ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، <<ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق>> مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

       بۇ كارخانا يېقىنقى سەككىز يىلدىن بۇيان، تاجىكىستاننىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ۋە تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىنىڭ تېرمو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا سىجىل قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ بەش مۇھىم ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، توك يەتكۈزۈش سىغىمىنى 1مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇردى ھەم 400كىلومېتىردىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى قۇرۇپ، تاجىكىستاننىڭ جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان 300كىلومېتىرلىق، 500كىلوۋاتلىق دۆلەت ئاساسىي ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، دېڭىز يۈزىدىن 3800مېتىر ئېگىز قارلىق ۋادىدىن ھالقىپ، مەملىكەتنىڭ جەنۇبى، شىمالىغا تۇتاشقان توك لىنىيەسىگە توك يەتكۈزۈپ، تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ توك يەتكۈزۈش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ، پايتەخت دۈشەنبە شەھىرىنىڭ قىشتا توك ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىدە مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان بولدى.

       <<جۇڭتەي>>گۇرۇھى دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى تايانچ كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جۈرئەتلىك بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كارخانىنىڭ <<سىرتقا چىقىرىش>> ئىستراتېگىيەسىنى ئوبدان پىلانلىدى. بۇ گۇرۇھ بۇلتۇر تۇنجى قېتىم خادىملارنى تاجىكىستانغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىغان تاجىكىستاندىكى ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ سېلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى تۈرى كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە پاختىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنى تاللىدى. بۇ تۈرگە 2مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇ يىل 4 – ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتسە يىللىق سېتىش كىرىمى 2مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

       شىنجاڭ چۆچەك خەلقئارا بايلىقنى ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سەككىز يىلدىن بۇيان، بايلىق ئېچىشتىن سانائەت رايونى قۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە دادىل سىرتقا يۈزلىنىپ، تاجىكىستاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار تاجىكىستاندا تاجىكىستان – جۇڭگو كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇپ، جۇڭگو – تاجىكىستان سانائەت رايونىنى بەرپا قىلدى، تاجىكىستان – جۇڭگو كانچىلىق شىركىتىلا تاجىكىستانغا 100 مىليون دوللاردىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، 1 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ، تاجىكىستانغا 1700 دىن كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. بۇ شىركەت ئون يىلغا يېقىن ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا شەرقتىن غەربكە، شىنجاڭدىن دۇنياغا يۈزلىنىپ، رۇسىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن كارخانىسى بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، تاجىكىستاننىڭ ساغكىن ئوبلاستى قاراقۇم شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ، تاجىكىستان – جۇڭگو كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. ئۈرۈمچى<< پارلاق>> گىلەم توقۇش زاۋۇتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك گىلەملىرىنى چىقىرىپ، زاۋۇتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، خېلى ئوبدان ئىقتىسادىي كىرىم ياراتماقتا.

       دېمەك شىنجاڭ كارخانىلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن<<يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئارىلىشىپ ئۆتۈش>>تەلىپىنى ۋە شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ <<لىنىيە بويلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا بەخت يارىتىش>> توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە شىنجاڭ روھىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تېخىمۇ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۆز كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزمەكتە.