مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلارنىڭ كۆزىگىمۇ ئاق چۈشىدۇ

    مەۋلۇدە2017-09-29 18:13:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     نۇرغۇن كىشى كۆزگە ئاق چۈشۈشنى ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭمۇ كۆزىگە ئاق چۈشىدۇ، ھەتتا كۆپىنچىسىدە تۇغما كۆزگە ئاق چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

     تۇغما كۆزگە ئاق چۈشۈش بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى تۇغۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، بۇ بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان بالىلار كۆز كېسەللىكى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئەما بولۇپ قېلىش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى ئېرسىيەت ۋە مېتابولىزم ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

     ئۈچ ياش كۆرۈش سېزىمى يېتىلىشتىكى مۇھىم مەزگىل بولۇپ، نۇر كۆز گۆھىرىنىڭ دۇغلىشىشى بىلەن كۆرۈش تور پەردىسىگە كىرەلمەي، كۆرۈش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆرۈش سېزىمى يېتىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ئۆتۈپ كەتسە، تۇغما كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ شەكىل سېزىمى يوقىلىش خاراكتېرلىك كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش كېسەللىكىگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنمۇ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

     بالىنىڭ كۆز ئالمىسى ئەتراپىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئاق چېكىت پەيدا بولسا ياكى بالىنىڭ كۆزىگە چىراغ نۇرىنى يانتۇ چۈشۈرگەندە ئاق چېكىت كۆرۈلسە، بالىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى يېشى بىلەن ماس كەلمىسە، رەڭنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمىسە، كۆزنىڭ ھەرىكىتى ماسلاشمىسا، كۆز ئالىغاي بولۇپ قالسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.  

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.