مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    مايلىق چاچنى ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    مەۋلۇدە2017-09-27 10:33:11شىنجاڭ گېزىتى

     1. مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك

     چېچى مايلىق كىشىلەر چېچىنى كۆپرەك يۇيۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بەزىدە قانچە كۆپ يۇسا شۇنچە تېز مايلىشىدۇ، بۇ چاغدا مۇۋاپىق چاچ سوپۇنى تاللاشقا دىققەت قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى بىرىكمە چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەي، سىلىتسىيسىز چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك، بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى ئادەتتە سۇيۇقراق ھەم سۈزۈكرەك بولىدۇ، باش يۇيغاندا باش تېرىسى ناھايىتى قۇرغاق پاكىز بولىدۇ، بىرنەچچە كۈنلەرگىچە ماي ئۆرلىمەيدۇ.

     2. مۇۋاپىق چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك

     كۆپ قىسىم چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ تەركىبىدە سىلىتسىي بولىدۇ، بۇ خىل چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە باش تېرىسىگە تەگكۈزمەي، چاچنى پاكىز چايقاش كېرەك. ئەمەلىيەتتە چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئورنىدا ئاق ئاچچىقسۇ ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا چاچ ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، چاچ تەبىئىي ساغلام بولىدۇ.

     3. چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

     مايلىق چاچلار ئاسانلا ماي تەپچىرەش خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ چاغدا بىر قىسىم جۇڭيى دورىسى تۈرىدىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۆتىدىل چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە ئىچىدىن تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە قارا كۈنجۈت ۋە ياڭاق تالقانلىرىنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ چاچنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

     4. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك

     مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنى كۈندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش، بەك تويۇنۇپ تاماقلانماسلىق، قورۇلغان ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. 

    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.