مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنىڭ زىيىنى كۆپ

    مەۋلۇدە2017-09-26 12:49:35شىنجاڭ گېزىتى

     كۆپ ساندىكى خانىم – قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بەدەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     پۇت قىسمىغا بولغان زىيىنى:

     ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ ئۆرە تۇرغاندا ياكى ماڭغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئاساسلىقى پۇتنىڭ ئالدى ئالقىنىدىكى بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە بولغان تاپان سۆڭەك بېشىغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇت بارماقلىرى ئاياغ ئۇچىنىڭ قىسىپ بېسىشىغا ئۇچرايدۇ – دە ئاسانلا قاداق پەيدا بولىدۇ، تاپان سۆڭەڭ ئارىسىدا يەنە نېرۋا ئۆسمىسى شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭدەك جاھىل ھەم تەكرار قوزغىلىدىغان ئاغرىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

     ئوشۇق بوغۇمى ۋە تىز بوغۇمىغا بولغان زىيىنى:

     ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ پىيادە ماڭغاندا، تىز بوغۇمى ۋە ئوشۇق بوغۇمىنىڭ پائالىيىتى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراپ تىرەش كۈچى بىلەن تەكشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، تۈز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەنگە قارىغاندا ئاسانلا ئوشۇق بوغۇمى تولغىنىپ كېتىدۇ؛ ئوشۇق بوغۇمىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چېكىنىش خاراكتېرلىك سۆڭەك – بوغۇم كېسەللىكلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پەيدا بولىدۇ.

     بەل ئومۇرتقىسىغا بولغان زىيىنى:

     ئادەملەرنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بويۇن ئەگمىسى، كۆكرەك ئەگمىسى، بەل ئەگمىسى ۋە توققۇز كۆز ئەگمىسىدىن ئىبارەت 4 چوڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگمىدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگمە ئومۇرتقا تېنى، ئومۇرتقا تەخسىسى، كىچىك بوغۇم، پەي ۋە مۇسكۇل قاتارلىق كۆپ خىل قۇرۇلمىلارنىڭ ئورتاق تۇتۇپ تۇرۇشىغا تايىنىپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش ۋە توقۇنۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيگەندە بەل ئومۇرتقىسىغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل زىياننىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولغاچقا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ.

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.