مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئەرلەر قوغداشقا تېگىشلىك سەككىز رايون

    مەۋلۇدە2017-09-19 13:10:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەرلەر ساغلاملىق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى، ئەنگلىيە راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن %60 يۇقىرى، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاياللارنىڭكىدىن بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە قىسقا بولىدىكەن.

     تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بېسىم ۋە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەرلەرنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنىڭ بالدۇر «بىراك» بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن، شۇڭا مۇتەخەسسسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر سەككىز رايوننى جەزمەن ياخشى قوغدىشى كېرەك ئىكەن.

     ئۆپكە: ئاسانلا قولدىن كېتىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسى

     بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆپكە ئاسانلا قولدىن كېتىدىغان مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۆپكە راكى ئەرلەرنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغان بىرىنچى ئەزرائىل دەپ قارىلىدىكەن. بۇ لىنىيەنى ئاسانلا قولدىن بېرىپ قويۇشتىكى سەۋەب ئىس (تاماكا) ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئوندىن توققۇزى تاماكا چېكىدىغانلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھىت بۇلغىنىشى، زىيادە چارچاش قاتارلىق ئامىللارمۇ ئۆپكە راكى پەيدا قىلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تاماكا چېكىدىغانلار جەزمەن يىلدا بىر نەچچە قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئامال بار تاماكا تاشلىشى، تۇمانلىق، ھاۋا رايى ناچار كۈنلىرى سىرتتا ئۇزاق تۇرماسلىقى، بولسا ماسكا تاقىۋېلىشى، نەشپۈت، ئالما قاتارلىق ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك ئىكەن.

     جىگەر: ساغلام بولمىغان جىگەرگە بالدۇرراق خوش، دېيىش كېرەك

     كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل جىگەرگە ئائىت كېسەللىك نامى بار __ ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولىدىغان جىگەر كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش. ئەرلەردە دەل يۇقىرىقىدەك جىگەر كېسىلى كۆپرەك بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەرلەر ئاياللاردىن يەتتە ھەسسىدىن 10 ھەسسىگىچە كۆپ بولىدىكەن. جىگەر ياللۇغىدىن باشقا، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش، دائىم كېچىلەپ ئىشلەش قاتارلىقلار جىگەر راكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئىكەن، شۇڭا ئەرلەر جىگىرىنى بەكرەك قوغدىشى، 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن باشقا، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، جىگەر كېسىلى، ھاراق ئىچكەن تارىخى بەش يىلدىن ئاشقانلار جىگىرىنى ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى، چېچەكسەي، يازلىق يېسىۋېلەك قاتارلىق جىگەرنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

     ئۈچەي: تۈز ئۈچەينى پات-پات تەكشۈرتۈش كېرەك

     تۈز ئۈچەي راكى نۆۋەتتە ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھايۋانات يېغىنى كۆپ يېيىش، يېمەكلىك تالالىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، مېتابولىزم ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق غىزالىنىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ياغدا پىشۇرغان، قاقلىغان يىمەكلىكلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك. ھەرىكەتنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى مېتابولىزم ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     بەل: يوغان قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشىڭىز كېرەك

     كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ئەرلەرنىڭ بەلگە مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشقان، بولۇپمۇ بەل ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى، بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش كېسىلى، بەل ئومۇرتقىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشقان.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلغاچقا، بەل مۇسكۇلىغا ئائىت كېسەللىككە ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك گىرىپتار بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلەر بېلىنى كۆپرەك ئاسرىشى، زىيادە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى، بىلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ چېنىقتۇرۇشى، قورساق سېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا گۈرۈچ، سىيادان، چىلان، ياڭاققا ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

     ئاشقازان: ھاراق، تاماكىنى تاشلاش كېرەك

     تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياشتىن باشلاپ تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ، سەللا دىققەت قىلمىسا، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 1.5 ھەسسىدىن 2.5 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئاساسلىقى ھاراقنى كۆپ ئىچىش، تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېيىش قاتارلىقلار ئاشقازان كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا ئەرلەر تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىشى، تۇزلۇق، ئاچچىق تاماقلارنى يېمەسلىكى، تاماقنى قىزىق يېمەسلىكى، خام، سوغۇق نەرسىلەرنىمۇ ئازراق يېيىشى، كۆپرەك چايناپ ئاندىن يۇتۇشى كېرەك ئىكەن.

     مەزى بېزى: سۈيدۈك يىغماسلىق كېرەك

     مەزى بېزى ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن، چاتاق جىق چىقىدىغان يەر. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، %50 ئەرلەر مەلۇم ياش مەزگىلىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. يېقىندىن بۇيان ئېلىمىزدە مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلار بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپرەك سۇ ئىچىش، سۈيدۈك يىغماسلىق، تاماقنى ياغسىزراق يېيىش، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى پاكىز تۇتۇش، پەمىدۇر، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

     ئېغىز بوشلۇقى: « ئۈچ ئۈچ تۈزۈمى» گە ئەمەل قىلىش كېرەك

     كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى راكى ئاساسلىقى ياشلاردا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئېغىز بوشلۇقى راكىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئاسراشتا «ئۈچ ئۈچ تۈزۈمى» گە ئەمەل قىلىش كېرەك ئىكەن، يەنى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇتتىن كەم بولماسلىق. بەزىدە چوتكىلىيالماي قالغاندا تۇز سۈيى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى چايقاش، دائىم ئېغىز بوشلۇقى يارىسى بولۇپ قالىدىغان ھەم ئۇدا ئىككى ھەپتىگىچە ساقايمىغانلار ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشى كېرەك ئىكەن.

     يۈرەك: يۈرەككە زىيانلىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش كېرەك

     ئەرلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ يۈرىكىگە تۆۋەندىكى ئىككى ئادەت بەكرەك زىيانلىق ئىكەن: بىرىنچى، ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى، يەنى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، گۆشنى كۆپ يېيىش، دېگەندەك؛ ئىككىنچى، بېسىمى ئارتىپ كېتىش، يەنى خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى، دېگەندەك، شۇڭا ئەرلەر كۆپرەك كۆكتات، مېۋە يېيىشى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، تەشۋىشلىنىش، بېسىم قاتارلىقلاردىن يىراقراق تۇرۇشى كېرەك.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.