مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ھامىلىدارلار ۋە يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى

    مەۋلۇدە2017-09-14 11:46:28شىنجاڭ گېزىتى

    مۇيەسسەر ئابلىمىت

     زۇكامداش، قىزىش، يۈرىكى سېلىش، ئىچى سىقىلىش قاتارلىقلار يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى بولۇپ، كۆپىنچە كىشى بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بالىلىق بولۇشنى ئويلىشىۋاتقانلار ھەمدە ھامىلىدارلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋىراچ ياڭ لىيىن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى ۋاقتىدا بايقىمىغاندا، يۈرەك ئاسانلا كاردىن چىقىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلىق بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلار ۋە ھامىلىدارلار. پەرزەنتلىك بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلار ئالدى بىلەن ياخشى كۈتۈنۈپ، ياخشى ئوزۇقلىنىپ، ھامىلىگە ياخشى شارائىت ھازىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئەگەر يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالسا ۋاقىتىدا داۋالىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا ئاندىن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىشىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالسا چوقۇم يۈرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش، مۇمكىن بولسا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق يۈرەك ھەرىكىتىنى، ۋىرۇسنىڭ ئايرىلىشىنى، تاقابىل تۇرغۇچى تەنچىنى تەكشۈرتۈش كېرەك ھەم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشقا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئانا-بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.