مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ‹‹كومپيۇتېر مەستانىلىرى›› كۆزىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:27:21شىنجاڭ گېزىتى

        ياسىن ئىبراھىم

     

        كۆزنى داۋاملىق چىمچىقلىتىپ تۇرۇش

        كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقاندا، كۆزنى چىمچىقلىتىش تەكرارلىقى ئادەتتىكى چاغدىكىدىن ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆز ئالمىسىنى نەمدەش رولى ئاجىزلاپ، كۆز قۇرغاقلىشىپ، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار كۆز سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.

        كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش

        كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ھەر 40 ~ 50 مىنۇتتا 10 ~ 15 مىنۇت ئارام ئېلىش، ھەر ئون مىنۇتتا بىر قېتىم كۆزنى ئېكراندىن يۆتكەپ يىراققا قاراش ياكى ئۈستىگە قاراش كېرەك.

        كومپيۇتېر ئالدىدا بەك ئۇزاق ئولتۇرماسلىق

        كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ئاز بولغاندىمۇ ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ كۆز ۋە بەدەننى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

        يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىش

        كومپيۇتېر ئېكرانى قويۇلغان جايدا يورۇقلۇق مەنبەسى ئېكراننىڭ يان تەرىپىدە تۇرۇشى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ يورۇقلۇقى ئېكراننىڭ يورۇقلۇقىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭا يورۇقلۇقىنى تەڭشەشكە بولىدىغان يورۇقلۇق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش، يورۇقلۇق كۆزگە بىۋاسىتە چۈشمەسلىكى ياكى ئېكراندىن قايتماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئېكراندىن قايتقان نۇر كۆزنى بىئارام قىلىدۇ. ئادەتتە ئەڭ كۈچلۈك قايتقان نۇر ئۈستى تەرەپتىن كېلىدۇ، شۇڭا ئۈستى تەرەپتىكى يورۇقلۇق مەنبەلىرىنى قىسمەن ياكى تولۇق ئۆچۈرۈپ قايتقان نۇرنى ئازلىتىش كېرەك.

        ئېكراننى تەڭشەش

        كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە كۆز بىلەن ئېكران ئارىسىدىكى ئارىلىق تەخمىنەن قولنى سوزغاندىكى ئۇزۇنلۇققا بولۇشى، كىچىكرەك خەتلەرنى ئوقۇغاندا خەتنى ياكى بەتنى چوڭايتىپ ئوقۇش، باشنى يېقىنلاشتۇرماسلىق، ئېكراننىڭ ئۈستى تەرىپى كۆز بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە بولۇش ياكى سەل تۆۋەنرەك بولۇش، كۆرۈش سىزىقى ئېكراننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كېلىشى كېرەك. يەنە، ئېكراننىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى پاكىز بولمىغان ئېكراننىڭ نۇر قايتۇرۇشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

        كۇنۇپكا تاختىسىنى تەڭشەش

        كۇنۇپكا تاختىسى ئېكراننىڭ دەل ئالدى تەرىپىدە تۇرۇشى، قولنى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا بىلەك بەدەننىڭ ئىككى يېنىدا ئەركىن ساڭگىلاپ تۇرۇشى، جەينەك تەخمىنەن 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەگەر خاتىرە كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغانلار بولسا، باشقا كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۇلاپ ئىشلىتىشنى ھەم كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۈستەل يۈزىدىن سەل تۆۋەنرەك قويۇشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.

        مۇۋاپىق كېلىدىغان كۆزەينەك تاقاش

        كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە كۆزەينەك تاقاشقا توغرا كەلسە، كۆزەينەكنىڭ گىرادۇس سانى چوقۇم كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك. ئادەتتە ئېكراننى ئېنىق كۆرۈشتە ئۈچ فوكۇسلۇق كۆزەينەك لايىق كېلىشى مۇمكىن، بۇ خىل كۆزەينەكنىڭ ئەينىكى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ ئۈستىنكى قىسمى يىراق ئارىلىقنى كۆرۈشكە، ئوتتۇرىدىكى چوڭراق قىسمى ئوتتۇراھال ئارىلىقنى كۆرۈشكە، تۆۋەنكى قىسمى يېقىننى كۆرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

        كۆزنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش

        كۆزنى يىلدا ئاز بولغاندا بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، مەسىلە بايقالسا دەرھال داۋالىتىش كېرەك. كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشتا دائىم يېشىل نەرسىلەرگە قاراپ بېرىش كېرەك. يېشىل نۇرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە قايتىشى نىسبەتەن مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسى، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ۋە كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە قارىتا ناچار تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى قويۇپ قويغاندا، كۈچلۈك نۇرنىڭ كۆزنى بىۋاسىتە غىدىقلىشىنى ئازايتىدۇ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆزگە زىيانلىق بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارنى سۈمۈرۈشى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.