مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش ئالىيجانابلىقتۇر

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:24:19شىنجاڭ گېزىتى

    نۇرمەمەت مەخمۇت

     پەزىلەتلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلگەن، قەلبىدە قىلچىلىك شەخسىيەتچىلىك ئۇرۇقى بولمىغان كىشى ھەمىشە خۇشال ياشايدۇ. سىزدە شەخسىيەتسىز، باشقىلارنى ئويلايدىغان يۈرەك بولسا، بەختىيارلىق تۇيغۇسى ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەم بولۇپ، سىزنى پۈتمەس – تۈگىمەس بەخت، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە دانىشمەنلىرىمىز مۇنداق دېگەن: ‹‹بىراۋغا خۇشاللىق بولسا، سەنمۇ خۇشال بول، قايغۇ – ئەلەمگە يولۇقسا، سەنمۇ قايغۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ ياخشى نامىڭ چىقىدۇ، ھەممە كىشى سەن بىلەن ئارىلىشىشقا ئالدىرايدۇ››، ‹‹كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگەن ئادەم ئاخىر مۇرادىغا يېتىدۇ››. دېمەك ئەجدادلىرىمىز كىشىلەرنى ئىنسانپەرۋەر، رەھىمدىل، سېخىي، مەرد بولۇشقا، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارنى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا ئۈندىگەن.

     باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش، خەيرلىك ئىشلارغا ئىنتىلىش بۈيۈك ئەخلاق – پەزىلەتتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كۆز ئالايتىش، ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپەئىتىنى دەپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش ئەخلاقسىزلىقتۇر. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاش ئادەمنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ، پەزىلەتلىك كىشى ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇقمۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلايدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى يېلىنجاپ تۇرىدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ. بىر ئادەم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، تىڭىرقاپ قالغانلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، پايدىلىق مەسلىھەت بېرىدۇ. ھەرقانداق ئادەم قىسقىغىنا ھاياتىدا مەنىلىك ئىزلارنى قالدۇرۇشنى، قىلغان ئىشىدا نەتىجە يارىتىپ، ئىززەت – ھۆرمەت، شان – شەرەپكە نائىل بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم جىمىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇشىنى ئويلاپ، باشقا كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى، نېمە كۈنلەرنى كۆرۈشى بىلەن كارى بولمىسا ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بەختىيار ياشىشىنى خالىمىسا، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاق دەرىخىنىڭ مېۋە بەرمەيلا قۇرۇپ قالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشلىرى ھامان ۋەيران بولىدۇ. ئادەم ھاياتىدا پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلىمەي، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ تەڭ ئويلىغان ۋاقتىدا، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر – مۇھەببەت، ئىناقلىق – ئىتتىپاقلىق ئەۋج ئالىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل – ئەخلاق ۋە ئېسىل خىسلەتلەر ئومۇملىشىدۇ، بىز باشقىلارنىڭ غېمىنى يېسەك، باشقىلارمۇ بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدۇ. دېمەك كىشىلىك تۇرمۇش بىزدىن ھەممە جەھەتتە تەلەپچان بولۇپ، ئۆز نەپسىگە بېرىلىشتىن قول ئۈزۈپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىيالايدىغان، خالىس نىيەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز قەلبىمىزدىكى شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ئەخلەتلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايلى، نىيىتىمىزنى دۇرۇس، خالىس قىلايلى، ئىمكانىيىتىمىز ۋە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.