مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ناشتا قىلىش ۋە كەيپىيات

    مەۋلۇدە2017-08-29 10:21:18شىنجاڭ گېزىتى

        تۇرسۇن كېرىم

        ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىش ھەم كۈندە ناشتا قىلىش رىتىملىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىشىنىڭ ئۆزىگە، شۇ كۈنلۈك خىزمىتىگە، پىلان – پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنىڭ، ساغلام روھىي ھالەت، نورمال كەيپىياتنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىپادىسىدىن ئىبارەت. ئوخشاشلا ناشتىسىز يۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، تۈرلۈك كېسەل ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن تېببىي ساۋاتلاردىن خەۋەردارمىز. دېمەك سەھەر تۇرۇپ تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان ناشتىلىققا داخىل بولۇش، خۇشال – خۇرام ھالدا ئوپچە غىزالىنىش، قىزغىن كەيپىيات، جۇشقۇن روھىي ھالەت شۇ كۈنلۈك ئۆگىنىش، خىزمەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇتۇق قازىنىش يولىنى راۋان قىلىدىغان، ئائىلە مېھرىنى ھېس قىلدۇرۇپ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرىدىغان كۆڭۈللۈك جەريان.

        پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتىگەندىكى روھىي ھالىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، كەيپىياتىنىڭ ئاكتىپ، ئىجابىي، تۇراقلىق، ساغلام بولۇشى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ‹‹كۈننىڭ باشلىنىشى سەھەردىن›› دەپ ئۆزىمىز سەھەر تۇرۇپ، ناشتا ۋاقتىنى كەڭتاشا، ئازادىرەك قىلىپ پىلانلاپ، پەرزەنتلىرىمىزگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى، ئاتا – ئانا مېھرىنى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنى خۇشال، كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات ھالىتىدە مەكتەپكە يولغا سېلىشىمىز كېرەك. شۇ خىل تۇيغۇدا، شۇنداق شارائىتتا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ كۆڭلى توق، روھىي ھالىتى جۇشقۇن، زېھنى ئوچۇق، دادىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پىسخىكىسى قويۇق، تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازىنىش ئىستىكى كۈچلۈك بولىدۇ ھەم ئۆگىنىش ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

        ئەمەلىيەتتە سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش ئائىلە سۈپىتى، ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ بىز ئاتا – ئانا بولغۇچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش، ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش جەريانىمىزدۇر.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.