مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ بېشارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

    مەۋلۇدە2017-08-28 15:50:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ بېشارەتلىرى:

     1. بىر نەرسىگە قارىغاندا كۆزىنى يېنىك يۇمۇۋېلىش؛

     2. بىر نەرسىگە قارىغاندا بېشىنى قىڭغىر تۇتۇش؛

     3. كۆزىنى كۆپ چىمچىقلىتىش؛

     4. كۆزىنى كۆپ ئۇۋۇلاش؛

     5. نەرسىلەرگە يانتۇ قاراش؛

     6. قوشۇمىسىنى تۈرۈۋېلىش.

     ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى:

     1. توغرا بولغان كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، خەت يازغاندا ئۈستەلگە يېتىۋالماسلىق كېرەك.

     2. 30 مىنۇتتىن 40 مىنۇتقىچە كىتاب ئوقۇغان ياكى خەت يازغاندا چوقۇم 10 مىنۇت ئارام ئېلىپ، يىراققا ۋە يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىشى كېرەك.

     3. كىتاب ئوقۇغان ياكى خەت يازغاندا كۈن نۇرى مۇۋاپىق بولۇش، يورۇقلۇق چوقۇم سول تەرەپتىن چۈشۈش، بەك يورۇق ياكى بەك قاراڭغۇ يەردە كىتاب ئوقۇماسلىق، خەت يازماسلىق كېرەك.

     4. كۈندە ئاز بولغاندىمۇ بىر سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

     5. خەتنى بەكلا زىچ، كىچىك يازماسلىق كېرەك.

     6. كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەپ بېرىش كېرەك.

     7. تېلېۋىزور كۆرگەندە كۆرۈش ئارىلىقىغا دىققەت قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن 40 مىنۇتقىچە بولغاندا كۆزنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

     8. سىنك مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.