مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    كۆكسى زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ......

    مەۋلۇدە2017-08-23 12:51:40تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       

        1. ماس كېلىدىغان باغىرداق تاللاش كېرەك. قىزلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، كۆكسىدىكى ئۆزگىرىشكە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى، ماس كېلىدىغان باغىرداقنى تاللاپ تاقىشى كېرەك. زىيادە چىڭ ئىچ كىيىم كىيگەن ۋاقىت 18 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، قولتۇقتىكى لىمفا بېزىنىڭ زەھەر چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ساغلاملىققا پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

        2. دەم ئېلىش ۋاقتى نورمال، تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك. كەچ ئۇخلاپ، كېچىلەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش قاتارلىقلار كۆكسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

        3. ياخشى بولغان ئولتۇرۇش، تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

        4. كۆكسىنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

        5. كۆكسىنى داۋاملىق ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كۆكسى چىڭقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

        6. مۇنچا سۈيىنىڭ ھارارىتىنى يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىك، ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇنۇش كېرەك. بۇ كۆكسى زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

        7.بېلىق، گۆش، سۈت قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

        8. كۆكسىنى ساغلاملاشتۇرۇش مەلھىمىنى سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە ئەتىگەن، كەچ بىر قېتىم، بىر ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى قېتىم مەلھەم سۈرۈپ، ئۇۋۇلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

     

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.