مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    قەھۋە ئىچىشنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بارمۇ؟

    مەۋلۇدە2017-08-18 11:40:16شىنجاڭ گېزىتى

     ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلار قەھۋە بىلەن ئورۇقلاشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلگەن، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر قايناق سۇ ئىچىپ، بىر سائەتتىن كېيىن يېرىم سائەت توختىماي يۈگۈرۈش مەشىقى قىلغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر قەھۋە ئىچىپ، بىر سائەتتىن كېيىن يېرىم سائەت توختىماي يۈگۈرۈش مەشىقى قىلغان. ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر قەھۋە ئىچكەن، لېكىن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەھۋە ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇش بىلەن بىللە، قاندىكى مايلار ئەركىن ماي كىسلاتالىرىغا ئايلىنىپ ئېنېرگىيە بىلەن ئاسان تەمىنلەيدىغان ھالەتتە تۇرىدىكەن ھەم قويۇقلۇقى ئاشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ماي كۆيۈش ھالىتىمۇ ئىزچىل بەش سائەت داۋاملىشىدىكەن. يەنى قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى كۈچىيىدىكەن. ئەگەر قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلسا ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن ھەم داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزاق بولىدىكەن.

     قەھۋە ماينى كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇنداقتا پەقەت قەھۋە ئىچىشكە تايىنىپلا ماينى كۆيدۈرۈشكە بولامدۇ؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ماي قەھۋەدىكى كوففېئىننىڭ تەسىرىدە ئەركىن ماي كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ناھايىتى تەس بولىدىكەن، ئەگەر بۇ چاغدا ئەركىن ماي كىسلاتالىرىدىن ياخشى پايدىلانمىسا تولىمۇ ئىسراپچىلىق بولىدىكەن. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، مايلار كوففېئىننىڭ تەسىرىدە ئەركىن ماي كىسلاتاسىغا ئايلانغان ھالەتتىمۇ، ھەرىكەت ئارقىلىق يەنى مۇسكۇللار ئارقىلىق بۇ ئەركىن ماي كىسلاتالىرىنى سەرپ قىلىۋەتمىسە، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە ئەسلىدىكى نېيترال مايلارغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا قەھۋە ئىچىپ ھەرىكەت قىلمىسا ماينى كۆيدۈرۈپ ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىكەن.

     قانداق چاغدا قەھۋە ئىچسە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟

     تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قەھۋە ئىچىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن كوففېئىن قانغا كىرىشكە باشلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ جانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن ھەم بۇنداق ھالەت بەش سائەت داۋاملىشىدىكەن، بۇ چاغدا ئادەم تېنىدىكى مايلار ئاسان كۆيىدىكەن. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىكەن.

    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.