مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    مىننەتدارلىق گۈللىرى قەلبىمىزدە پورەكلىسۇن

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-18 11:32:47شىنجاڭ گېزىتى

    دولقۇن تۇرسۇن

     مىننەتدارلىق ئادىمىيلىك، مېھىر – ۋاپا، چىن سۆيگۈ ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتلەرگە مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋىيەتتىكى مەدەنىيلىك، قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرغۇچى مۇھەببەت رىسالىسى، سۆيۈنۈش، خۇشاللىنىش ھەم ئورتاق بەھرىلىنىشلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر مەنىدىن توغرا، ئىلمىي چۈشىنىش ۋە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     شۈبھىسىزكى، مىننەتدارلىق شەخسنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش شارائىتى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى، چۈشىنىش ئىقتىدارى، بىلىپ يېتىش دەرىجىسى، تەربىيەلىنىشى ۋە ساپاسى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش دەرىجىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت ئەلۋەتتە. مەسىلەن: بەزىلەر كۈچلۈك ۋە ھەقىقىي ھاياجانلىنىش، تەسىرلىنىش، خۇشاللىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقتىن كىچىككىنە ياردەملەرگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىمۇ يەنىلا كۈچلۈك ۋە ئۇزاققىچە ھەتتاكى بىر ئۆمۈر داۋاملاشسا، بەزىلەر شۇ مىنۇتتىكى ھاياجانلىنىشتىن كېلىپ چىققان تەسىرلىنىش سەۋەبى بىلەن ئۆزىدە ۋاقىتلىق مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلسىمۇ، تېزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز مەيلى قايسى تەرەپتىن ئويلىمايلى، قايسى تەرەپلەردىن كۆزەتمەيلى، مىننەتدار بولغان، مىننەتدار بولۇشنى بىلگەن ھەم مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان كىشىلەرلا مىننەتدارلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئينەزەر ئۇلار بىزنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

     بىز ئۇلاردىكى بۇ خىل ئېسىل روھنى قەدىرلىشىمىز، ئۆگىنىشىمىز ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ئۇلاردىنمۇ مىننەتدار بولۇشىمىز، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە تۇيغۇسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تولۇقلاپ، كېڭەيتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم. شۇنداقلا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ئېسىل روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا جەمئىيەتتە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يېتىلمىگەن كىشىلەرنىمۇ تەڭ يېتەكلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

     لېكىن جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە راستىنلا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلمىگەن ياكى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، بۇنى چوڭقۇر ئانالىز قىلساق بۇ خىل ئەھۋال تەبىئىيكى ئۇلاردىكى ھېس قىلىش، تونۇپ يېتىش، تەسىرلىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولۇشتەك پىسخىكىلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىز ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەتراپىمىزدىكى تىرىك ئىجابىي ئوبرازلار، تەسىرلىك ئىش – ھەرىكەتلەر، چوڭقۇر دوستلۇق، مېھرىبانلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى ھېكايىلەشتۈرۈپ ئېيتىپ بېرىش، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن، باشقىلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشكەن كىچىككىنە ئىش – ھەرىكەتلەرنى ئەسلىمە خاراكتېرلىك يادىغا ئالغۇزۇپ ‹‹مۇبادا شۇ ياردەم بولمىغان بولسا›› دېگەن مەركىزىي نۇقتىنى چۆرىدەپ پىكىر قىلىشقا، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە، تەسىراتىنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش، باشقىلارغا ئاددىي، كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ ياخشىلىق قىلىشنى، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ياردەم قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېلىدىغان قوش خۇشاللىق يەنى باشقىلارنى خۇشال قىلىش بىلەن باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ھېس قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى پىسخىك ئاجىزلىقلارنى ئاستا – ئاستا تۈگىتىشىمىز كېرەك.

     خەلقىمىز ئەزەلدىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ ھەم باشقىلارنىڭ كىچىككىنە ياردەملىرىگە ئېرىشسىمۇ مەمنۇن بولۇپ چىن دىلىدىن سۆيۈنۈشنى؛ باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرگەندىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى بىر خىل بەخت ھېسابلاپ كەلگەن. شۇڭا بىز بۇ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرا بولغان مىننەتدار بولۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەدىن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن ھەقىقىي مىننەتدارلىق ھېس قىلىشىمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز لازىم. شۇنىڭدەك مىننەتدارلىقنى ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ، كىچىك، ئاددىي ئىشلاردىن، ھەربىر قەدەملىرىمىزدىن باشلاپ، باشقىلارنى مىننەتدار قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ ئۇشبۇ ھاياتىمىز ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغۇچىلارنى مەڭگۈ سۆيۈپ ۋە قەدىرلەپ، چىن ئىنسانىي تۇيغۇمىز، ۋىجدانىمىز بىلەن مىننەتدارلىق گۈللىرىنى تەكشى پورەكلىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە تەقدىم قىلايلى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.