مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    سەمىمىي ئىلھام روھىي ئوزۇق

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-18 11:30:20شىنجاڭ گېزىتى

    ئوسمان زاھىر

     يېقىندا تېلېفونۇم تۇيۇقسىز جىرىڭشىپ كەتتى. تېلېفوننى ئالسام، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاتا يوللۇق بىر تونۇشۇم ئىكەن. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالەمنى دەپ تېلېفون قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. يېشى 70كە بېرىپ قالغان بۇ مويسىپىت زىيالىينىڭ ئەستايىدىللىقىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمىدىم. ئۇ ماقالىنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مېنىڭ قەلەمنى تاشلىۋەتمەي داۋاملىق ئىزدىنىشىم ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. كەينىدىنلا ئۇنىڭ ئايالىمۇ تېلېفوننى ئېلىپ بىرمۇنچە مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلدى. ياخشى تىلەكلەر بىلەن خوشلاشتۇق. چىن يۈرەكتىن چىققان ئىلھامبەخش سۆزلەر كەيپىياتىمنى كۆتۈرۈپلا قويدى.

     بىراۋ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش ئىنسانغا خاس پىسخىكا. ھەرقانداق ئىنسان ئاۋام تەرىپىدىن مەلۇم نەتىجىسى ياكى مەلۇم ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ماختىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، بۈگۈنكى زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئارىسىدا بىراۋنى بىر ئېغىز ماختاپ قويۇشنى ئېغىر كۆرىدىغان، دىلىدا ئېتىراپ قىلسىمۇ، تىلىغا چىقارمايدىغان خاھىشلار مەۋجۇت. بەزىلەر تېخى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ كەينىدىن ئۆسەك تارقىتىپ ھۇزۇرلىنىدۇ. بىراۋنى بىر ئېغىز ئىلھاملاندۇرۇپ قويغانغا يېنىڭىزدىن ھېچقانداق چىقىم تارتمايسىز. ئەكسىچە سەمىمىيلىك ئارقىلىق ئۆزىڭىزمۇ كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشىپ قالىسىز. مەسىلەن: مەن بىرەر ئەھمىيەتلىك كۈنلەر، ھېيت – بايراملاردا دوست – بۇرادەرلىرىمگە قىسقا ئۇچۇر يوللايمەن، ھەم نۇرغۇن ئېسىل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالىمەن. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى خۇشال قىلالايمەن ھەم ئۆزۈممۇ خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمەن. يېنىمىزدا ياكى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان ئىنسانلارنىڭ كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا شادلىق بېغىشلايلى. ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقان بىر كىشىگە بەرگەن ئىلھامىڭىز شۇ كىشىنىڭ ھايات يولىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. غەرەزسىز تىلەكلەر، سەمىمىي تەكلىپلەر ھاياتلىق يولىمىزدىكى يول بەلگىسىگە ئوخشاش چېھرىمىزگە تەبەسسۇم ئاتا قىلالايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.