مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا....

    مەۋلۇدە2017-08-16 12:31:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        يېقىندا دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلگەن بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەڭ ئاۋۋال بازارغا سېلىنغان «شىرۇيشى» ۋاكسىنىسى توققۇز ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان قىزلارغا ئەملىنىدىغان بولغاچقا، تورداشلار 25 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارغا بۇ ۋاكسىنىنى ئەملىسە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قىزىقتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ۋاكسىنىسىنى 25 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئەملىتىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن، چۈنكى 25 ياشتىن ئاشقانلارغا نىسبەتەن بۇ ۋاكسىنىنىڭ رولى بولمايدىكەن. ئۇنداقتا 25 ياشتىن ئاشقان خانىم-قىزلار بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟

        كۆپىنچە ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىدىن بالدۇر مۇداپىئەلىنىش، بالدۇر داۋالاش ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى راك ئۆسمىسى ماتكىنى توسۇۋېلىپ قانىغاندىلا، ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈتۈشنى ئەسكە ئالىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ چاغدا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتى ئاللىبۇرۇن قولدىن كېتىپ قالغاچقا، كىشىنى ئېچىندۈرىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن. ئاخىرقى باسقۇچقا بارغان بالىياتقۇ بوينى راكى سۈيدۈك يولىنى بېسىپ، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، بەل ئاغرىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچەي يولىنى بېسىپ، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋالىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

        مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغلىنىپ، راك كېسىلىگە ئۆزگەرگىچە 10 يىل كېتىدىكەن. شۇڭا بالىياتقۇ بوينى راكى ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن بايقاش مۇمكىن بولمايدىغان جان ئالغۇچى، قورقۇنچلۇق كېسەل ئەمەس ئىكەن. خانىم-قىزلار بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى كۆرۈلگەندە سەل قارىماسلىق، ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىشى كېرەك ئىكەن. قىسقىسى ، خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، بەدەن ۋە سالامەتلىكىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىشى، نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.