مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    بالىلارغا پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ئائىلىدىن باشلايلى

    ئامانگۈل2017-07-26 11:39:25شىنجاڭ گېزىتى

    نۇرمۇھەممەت ئىمىن رۇزى

     ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئائىلە ئىناق بولسا جەمئىيەت تىنچ بولىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى بالىلارغا ئۆمۈرۋايەت تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش تەربىيەسى كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بالىلارغا پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ئائىلىدىن باشلاش تولىمۇ زۆرۈر. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بالىلارغا پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟

     ئاتا – ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلارغا ئىنقىلابىي ئەسلىمىلەرنى ئوقۇپ بېرىش، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئۆگىتىش، ئىنقىلابىي كىنو – فىلىملەرنى تاللاپ كۆرسىتىش، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى، تالاي جاپا – مۇشەققەتلەرنى يەڭگەن غەيرەت – جاسارىتى، نەمۇنىلىك ئىش – ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلەر جەريانىدا قانداق پىشىپ يېتىلگەنلىكى، بۈگۈنكى بەختىيار كۈنلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا – مۈشكۈلاتلارنى يەڭگەنلىكى، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، بالىلار قەلبىدە پارتىيەگە بولغان ھۆرمەت، مىننەتدارلىق، پارتىيەدىن سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىنىش، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتىگە قايىل بولۇش، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. بالىلارنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلغان جەڭگىۋار ھاياتى، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىش، ھېلىمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار، خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەقىقىي سالاپىتىنى نامايان قىلغان مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئاددىي ئىش ئورنىدا بولسىمۇ سوتسىيالىستىك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇمكىن بولسا بالىلارنى ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، ئىلغار كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشنى بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش لازىم.

     ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى دائىم ئېسىگە سېلىپ، ئىلگىرىكى جاپالىق كۈنلەرنى داۋاملىق ئەسلىتىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كونكرېت ئەھۋاللارنى ھېكايە تەرىقىسىدە سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلار پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، پارتىيەنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىدىن ھەقىقىي تەسىرلىنىدۇ، پارتىيەدىن چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولىدۇ. بالىلارغا ئائىلىدە پارتىيەنى سۆيۈش تەربىيەسى بەرگەندە، سۆزلىنىدىغان ھېكايىلەرنىڭ كونكرېت، تەسىرلىك، ئوبرازلىق، تۇرمۇشقا، ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇشىغا دىققەت قىلىش، شارائىت يار بەرگەندە، بالىلارنى ئىنقىلابىي تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ئىنقىلابىي ئەجدادلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنى ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى پارتىيەنىڭ كۈرەش تارىخىدىن ئەتراپلىق خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قەلبىگە پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ مېڭىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىش لازىم.

     قىسقىسى، بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيۈش، ئەمگەكچان، ئاق كۆڭۈل بولۇش ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا ئائىلىدە ياخشى ئۈلگە تىكلىشىمىز، پارتىيەنى سۆيۈش ئۇرۇقلىرىنى بالىلىرىمىز قەلبىدە بىخ سۈردۈرۈشىمىز لازىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.