مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلار ئەڭ ياخشىسى ۋېلىسىپىت مىنمەسلىكى كېرەك

    مەۋلۇدە2017-07-18 12:21:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بەزى بالىلاردا بىر مەزگىل ۋېلىسىپىت مىنگەندىن كېيىن پۇتىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولماسلىق، تىزى مايماق، پۇتى O شەكىللىك بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن.

     ۋېلىسىپىت مىنىشتىن كېلىپ چىققان بۇ غەيرىيلىكنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ۋېلىسىپىتنىڭ لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، بالىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىق تەلىپىگە ماس كەلمەسلىك. يەنى بالىنىڭ پۇتى ۋېلىسىپىت پىدالىدىن ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇپ قېلىش؛ يەنە بىرى، سەل چوڭراق ياشتىكى بالىلارنىڭ پۇتى ئۇزۇن كېلىپ قېلىپ، پۇتى مايماق بولۇپ قېلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.

     بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە سۆڭىكى يۇمشاق، سۆڭەك توقۇلمىسىدىكى سۇ تەركىبى ۋە ئورگانىك ماددىلار كۆپرەك بولغاچقا، كالتىسىي مىقدارى ئازراق بولىدۇ؛ بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، مۇسكۇلىمۇ ئاجىزراق بولغاچقا، سۆڭەكنىڭ شەكلى ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، پۇتىدا غەيرىيلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئۈچ ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى بالىلار ۋېلىسىپىت مىنگەندە ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ پۇتىنىڭ شەكلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.