مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    گېن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ 

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:40:30شىنجاڭ گېزىتى

     شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ شياۋفېڭنىڭ قارىشىچە، 40 ياشتىن بۇرۇن ئىرسىيەت ئامىللىرىنىڭ ئۆمۈرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەخمىنەن %15 ~ %20نى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما تۇرمۇش ئادىتى ئامىلى بولسا ناھايىتى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. يەنى ياش ۋاقتىدا تېنىنى ئاسراش – ئاسرىماسلىقى ئۆمۈرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرى ھەم ئىگىلەيدىغان سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدىكەن.

     ئامېرىكا يېشىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 100 ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىدە ئىرسىيەت گېنى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئەگەر سىزنىڭ ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللىرىڭىز ئۆمۈر چولپانلىرى بولسا، سىزنىڭمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقىڭىز ئادەتتىكى كىشىلەردىن 17 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

     شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جىن لىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئاساسلىقى ئانىدىن ئىرسىيەت قالىدىكەن. يەنى ئانا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە پەرزەنتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن، ئەمما ئاتا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرسە پەرزەنتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى ناتايىن ئىكەن.

    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.