مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    مېڭە قان تومۇرى توسۇلسىمۇ پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-13 15:26:58تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

       كىشىلەر ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. ياش چوڭايغانسېرى پۇتتا ماغدۇر قالمايدۇ، كۆپلىگەن ياشانغانلاردا پۇت ئاغرىقى بولىدۇ، پۇتتا ماغدۇر بولماسلىقنىڭ قېرىشتىن باشقا يەنە بىر سەۋەبىمۇ بار، يەنى مېڭە قان تومۇرىنىڭ توسۇلۇشىدىنمۇ بۇ خىل ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

        قىسمەن ياشانغانلار پۇت ماغدۇرسىزلىقى سەۋەبلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسىمۇ سەۋەبىنى ئېنىقلىيالمايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆرۈپ، كالتىسىي تولۇقلاشقا زىيادە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇتتا تۇيۇقسىز ماغدۇر بولمىسا بۇ شامال دارىپ قالغانلىقتىن، يەنى مېڭىگە قىسقا ۋاقىت قان يېتىشمىگەنلىكتىن بولىدۇ، بۇ يېنىك دەرىجىدىكى شامال دارىش ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرگەندە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.