مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر سۆڭەكنى چۈرۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-12 11:37:21شىنجاڭ گېزىتى

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

     دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان: يەنى قەنتنىڭ زىيىنى تاماكىدىن ئېغىر، ئۇزاق مەزگىل قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ ئۆمرى كۆرۈنەرلىك قىسقىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ‹‹قەنت تاشلاش›› شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، قەنتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تېخى نۇرغۇن كىشى تونۇپ يېتەلمىگەن.

     ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسلانغاندا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىنىدىغان ئاق شېكەر مىقدارى 30 ~ 40 گىرام ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر قەنت مىقدارى ئارتۇق بولۇپ كەتسە، ئاسانلا سۆڭەكنى چۈرۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە ئادەم بەدىنى كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە سۈمۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا تويۇنۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ، ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە ئوزۇقلۇق تۈرىدىكى سېللۇزا يېمەكلىكى قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، سەمرىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.

     يەنە بىر تەرەپتىن ئاق شېكەرنىڭ بەدەندىكى مېتابولىزمى كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق. شۇڭا داۋاملىق قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن، كالىي، كالتسىي كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ياشانغان كىشىلەرنىڭ سۆڭەك سۇنۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا كۈندىلىك ئىستېمالىمىزدا قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىغا ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.  

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.