مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى توغرا ئىستېمال قىلىڭ

    مەۋلۇدە2017-07-11 09:55:26شىنجاڭ گېزىتى

        گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تىلغا ئېلىنسا، تەمى ئاچچىق ھەم قىرتاق دورىلار ئېسىمىزگە كېلىدۇ. گەرچە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى كېسەل داۋالاشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر دورىنىڭ تەمىنى ئويلاپلا، ئۇنى ئىچىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ دورىلارغا شېكەر ياكى قەنت ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدۇ.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئاققوۋۇق تارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى رەيھانگۈل زېمىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەمى قىرتاق ھەم چۈچۈمەل بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئازراق قەنت ياكى شېكەر قوشۇپ، دورىنىڭ قىرتاق تەمىنى سۇسلاشتۇرۇپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ، كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قاينىتىلغان دورىغا قەنت قوشۇلسا، دورا سۇيۇقلۇقىدىكى مەلۇم خىل تەركىب قەنت بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، دورا سۈپىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ھەم دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. قەنتنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى تىزگىنلەش رولى بولغاچقا، قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىسىغا قەنت قوشۇپ ئىچكەندە دورىنىڭ قىزىتمىنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

        رەيھانگۈل زېمىننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاشقازان ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان بەزى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى قىرتاق تەمى بىلەن ئىچكەندىلا، ئاندىن ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش بەزلىرىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، ئەگەر ئاشقازان كېسىلىنى داۋالايدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىسىغا قەنت قوشۇلسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن، شۇڭا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئۆز تەمى بىلەن ئىچكەن ياخشى ئىكەن.    

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.