مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ۋىتامىن Cنى توغرا ئىستېمال قىلىڭ

    مەۋلۇدە2017-07-10 16:07:59شىنجاڭ گېزىتى

       

      مېۋە – چىۋىلەردە ۋىتامىن C مول بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ۋىتامىن Cنى مىقدارى بويىچە ئىستېمال قىلمىغاندا، ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشۈشى مۇمكىن.

        شىۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرى 22 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرنى 11 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 907 ئادەم ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ 1000 مىللىگىرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغان، باشقىلار ئىستېمال قىلمىغان. نەتىجىدە بۆرەككە تاش چۈشۈش نىسبىتى ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغانلارنىڭ %3.4، ۋىتامىن C ئىستېمال قىلمىغانلارنىڭ %1.8 بولغان.

        تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ۋىتامىن C ئوكسالات (چۆپ كىسلاتا تۇزى) شەكلىدە سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدىكەن، ئەمما بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئوكسالات بولىدىكەن.

        مۇتەخەسسىسلەر كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان ۋىتامىن Cنىڭ 1000 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئادەتتە بىر تال ۋىتامىن C تابلېتكىسىدا مۇشۇنچىلىك مىقداردا ۋىتامىن C بولىدۇ، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا باشقا بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىلىرى ۋە مېۋە – چىۋىلەرنى ئىستېمال قىلسا، ناھايىتى ئاسانلا مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا مېۋە – چىۋە يەيدىغان كىشىلەر ۋىتامىن C ۋە باشقا بىرىكمە ۋىتامىنلارنى تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە ۋىتامىن C يېتىشمىسە ئاسانلا قان بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ، تېرىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئارتۇق ئىستېمال قىلسا بۆرەككە تاش چۈشىدۇ.

     

    كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.