مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئورنىغا سىيىپ قويۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ

    مەۋلۇدە2017-07-07 16:32:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

     بەش ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ كېچىسى ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ئورنىغا سىيىپ قويۇشى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈچ ئايغىچە داۋاملىشىشى بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىپ قويۇش كېسىلى، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولىدۇ، يەنى كېچىدە سىيىپ قويۇشقا تاقابىل تۇرۇش ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، سەزگۈرلۈكنىڭ ئاجىز بولۇشى، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە ئېرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، قىسمەن بەش ۋە يەتتە ياشلىق بالىلاردا بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلىدىكەن ھەمدە ئاز ساندىكى بالىلاردا ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن. قىسمەن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل كېسەللىك ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدىكەن، ھەتتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا كېسەللىك سۈپىتىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى ۋە ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك ئىكەن. 

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.