مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلىقىدا زىيادە سەمىرىپ كەتكەنلەر چوڭ بولغاندا ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ

    مەۋلۇدە2017-06-14 13:11:53تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

       گوللاندىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بالىلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمىرىپ كەتكەنلەرنىڭ چوڭ بولغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.

        تەتقىقاتچىلار 75 ياش ئەتراپىدىكى 889 كىشىگە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقى ياكى ئىلگىرى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى توغرىسىدا دىياگنوز قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى ئىگىلىگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە زىيادە سېمىز ياكى ئەمەسلىكى، 50 ياش ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقىنى ئېنىقلىغان.

        تەكشۈرۈش ئارقىلىق سەككىز ياكى 13 ياشتا زىيادە سەمرىپ كەتكەنلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىك شۇ كىشىنىڭ غورۇرىغا تەسىر قىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.