مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش رېماتىزمنىڭ سەۋەبىمۇ ؟

    مەۋلۇدە2017-06-12 11:14:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      

       بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار رېماتىزمدىن گۇمانلىنىدۇ ھەم بالىسىغا ئاغرىق توختىتىش، رېماتىزم دورىلىرىنى ئىچىرىدۇ. ئۇنداقتا بالىنىڭ بوغۇملىرى ئىشىشىپ ئاغرىش رېماتىزمدىن بولامدۇ؟

        ئادەتتە بالىلارنىڭ بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كېسەللىكتىن بولۇشى مۇمكىن:

        1. رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى. بۇ خىل بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاغرىق يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، سوغۇق تەگسە قوزغىلىدۇ.

        2. يىرىڭلىق بوغۇم ياللۇغى. بۇ خىل بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە يىرىڭلىق ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. يىرىك سەۋەبىدىن بوغۇم قىزىش، ئىششىش، قىزىش، قاتتىق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.بۇ خىل بوغۇم ياللۇغى ئېغىر بولغاندا، سۆڭەكنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

        3. جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى. بەدەندە ۋىتامىن cكېمەيگەندە بوغۇم بوشلۇقىنىڭ ئىچى قاناش، ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

        بالىنىڭ بوغۇمى ئىششىپ ئاغرىشنى ھەرخىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالىنىڭ بوغۇمى ئىششىپ ئاغرىسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

     

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.