مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش ۋە ئېقىشقا سەل قارىماڭ

    مەۋلۇدە2017-06-08 10:36:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش ۋە قۇلاق ئېقىش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش ياكى كىرنى ۋاقتىدا تازىلىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ.

     بۇنداق ئەھۋالدا بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر دوختۇر ياللۇغ قايتۇرىدىغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى بەرسە، داۋالاش باسقۇچىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر دورا ئىچكەندىن كېيىنمۇ ئەھۋال ياخشىلانمىسا، ياكى بالىنىڭ قۇلىقىدىن داۋاملىق يىرىڭ ياكى سۇيۇقلۇق ئاقسا، ۋە ياكى قۇلاقنىڭ كەينى قىزىرىپ، ئىشىپ قالسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىپ، باشقا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا سەل قارىغاندا، بالىلارنىڭ قۇلاق پەردىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ، قۇلاق پەردىسى يىرتىلىپ كېتىش، گاس بولۇپ قېلىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.