مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    يانفوننى كۆپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ

    مەۋلۇدە2017-06-07 11:24:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار يانفون، ipad، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بالىسىنى گوللايدۇ. ئەمما، كانادا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار ئېكرانلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلار بىلەن قانچە كۆپ ئۇچراشسا، سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

     تەتقىقاتچىلار 900 ئاتا-ئانا ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى يىغىپ، بالىلار 18 ئايلىق بولغاندا يانفون قاتارلىق ئېكرانلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەم بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئېنىقلىغان. نەتىجىدە %20 بالىنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يانفون بىلەن كۈنىگە 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇچراشقان بالىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى %49 ئاستىلايدىكەن.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.