مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    تەتىللىك تاپشۇرۇق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا...

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-05-22 15:26:47شىنجاڭ گېزىتى

    مەلىكە مۇھەممەد

     بالىلار ئۈچۈنھەر قېتىم تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن، مەكتەپلەر بالىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بىر قىسىم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر يىلى بالىلارغا كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، دەرسلىكلەردىكى تېكىستلەرنى كۆچۈرۈش... دېگەندەك يازما تاپشۇرۇقلارنى تەكرار ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ تاپشۇرۇقلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تېكىستلەرنى پىششىقلاش، ئىملاسىنى توغرىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن رولى بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، مۇشۇ خىلدىكى تەتىللىك تاپشۇرۇقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

     تەتىللىك تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن قىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئۇنداقتا، تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا قانداق تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟

     داڭلىق مائارىپشۇناس سوخۇملىنېسكى: ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى ئەقىللىق قىلىشنىڭ چارىسى دەرس تولۇقلاش، تاپشۇرۇقلىرىنى كۆپەيتىش بولماستىن، كىتاب ئوقۇتۇش، كىتاب ئوقۇتۇش، يەنە كىتاب ئوقۇتۇشتۇر›› دېگەنىدى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار تەتىل باشلانغان ھامان ئوقۇغۇچىلاردىن تەتىل مەزگىلىدە كەم دېگەندە بىر پارچە ياخشى كىتاب ئوقۇش ھەم ئۇنىڭدىن خاتىرە يېزىشنى، ئۇنىڭدىن سىرت، سىرتلارغا چىقىپ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، ساۋاقداشلىرى بىلەن يىغىلىپ بىللە ئويناش، چوڭلارنى يوقلاش... دېگەندەك. بالىلارنى خەير – ساخاۋەت، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەشمۇ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا پايدىلىق. مەسىلەن، ساناتورىيەلەرگە بېرىپ ياشانغانلارنى يوقلاش، بالىلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش... قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشنى، مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىدۇ.

     بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى يىراقلاردا ئىشلىگەچكە، بالىلار ئۆيدە يالغۇز قىلىش سەۋەبىدىن قېرىنداشلىق مېھرى سۇسلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان تاپشۇرۇقنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئاتا – ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ساياھەت قىلىش... قاتارلىقلار. بۇنداق تاپشۇرۇقلار ئاتا – ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇششاق تەپسىلاتلارغا دىققەت – ئېتىبارىنى ئاغدۇرغاندا، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش – ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشىشى، تاپشۇرۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنى بايقىيالىشى مۇمكىن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.