مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بالىلارنىڭ جىسمانىي پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-05-22 15:25:15شىنجاڭ گېزىتى

    ياسىنجان توخنىياز توغراق

     ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشى غەمسىز ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەيدۇ. ئەنئەنىۋى ئويۇنلار ئەقىل – پاراسەت تەربىيەسىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بالىلارنىڭ جىسمانىي پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدىكەن. سەمىرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدىكەن. 

     ئىلگىرى بالىلار ئارىسىدا ‹‹چامغۇر يۇلۇش››، ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم››، ‹‹ئاق تېرەك – كۆك تېرەك››، ‹‹چاكام ئويناش››، ‹‹مۈكۈشمەك ئويناش››، ‹‹قارغۇ چاشقان››، ‹‹نۇر چۆرگىلىتىش››، ‹‹جەڭ ئويۇنى››، ‹‹تەپكۈچ تېپىش››، ‹‹تال – چىۋىق ئويۇنى››، ‹‹قاشىم توپ... ›› قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى كۆپلەپ تاپقىلى بولاتتى. ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلىرىمىزدىن تەدىرىجىي يىراقلاپ كەتتى. ھەتتا بالىلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتتى. ھازىر نۇرغۇن بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىنى تورغا چىقىش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق، ئۇندىدار ئويناش، ئارام ئېلىش كۈنىنى بولسا تەكرارلاش كۈچەيتمە سىنىپلىرى ئىگەللىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئوينايدىغان بالىلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئازلاپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويۇش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن يىراقلاپ كېتىشىدە ئاتا – ئانىلار ئۇلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىشىغا ئازراقمۇ پۇرسەت بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ ئۇچرىشىشىدىغان مۇھىتى پەقەتلا ئۆي، مەكتەپ، كومپىيۇتېر، تېلېۋىزور، تورخانا ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا بىلەنلا چەكلىنىپ، باشقا ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك. بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىمىز ھەققىدە ئەقەللىي ساۋاتقىمۇ ئىگە بولالمايدۇ.

     شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا بالىلارنى خۇشاللىق ئىچىدە چېنىقتۇرىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى ئوينايدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئۆگىنىش بىلەن ئويناشنى مۇۋاپىق نىسبەتتە تەڭشەپ، بالىلارغا بالىلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.