مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بالىلاردىكى يۈرەك قېرىنچىسى توسۇقىنىڭ كەمتۈكلۈكى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-05-19 15:59:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      بالىلارنىڭ يۈرەك قېرىنچىسى توسۇقىنىڭ كەمتۈكلۈكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇمۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنداقتا بۇ كېسەللىك قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، كاندىدات مۇدىرى ۋىراچ، بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى خوۋ خۇڭ مۇنداق دېدى: نورمال ئەھۋالدا يۈرەك قېرىنچىسى توسۇقى بولغاچقىلا يۈرەك ئوڭ، سول قېرىنچىلىرىدىكى قان ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئايلىنىش يولى بويىچە ئايلىنىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى توسۇقىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىسا ياكى كەمتۈك بولسا، قان ئاشۇ كەمتۈكلۈك ئارقىلىق بېسىم يۇقىرى بولغان سول يۈرەك قېرىنچىسىدىن بېسىم تۆۋەن بولغان ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا ئېقىپ، قان بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى توسۇقىنىڭ كەمتۈكلۈكى ئازراق بولسا، ئادەتتە ھېچقانداق ئالامەتنى بايقىغىلى بولمايدۇ. كەمتۈكلۈك چوڭراق بولسا بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆپ تەرلەيدىغان، يىغلىسا يۈز-كۆزى كۆكىرىپ كېتىدىغان،  ئەمگەندە زورۇقىدىغان، لېۋى ۋە تىرناقلىرى كۆكىرىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بالىلار ئاسانلىقچە نەپەس يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، ياللۇغ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدىغان يۈرەك زەئىپلىشىش ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن ئۆسۈپ يېتىلىش نورمال بولماسلىق ياكى چېكىنىش كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئانىنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يەلتاشما ياكى كوكسساككى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، ھەرخىل رادىياتسىيەلەردىن مۇداپىئەلەنمىگەنلىكى، ئېغىر تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، قاتتىق قىزىغانلىقى سەۋەبلىك بالىلاردا يۇقىرىقى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان دورىلارنى يېيىشتىنمۇ بولىدۇ.

     

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.