مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك؟

    ئامانگۈل2017-05-18 16:27:16شىنجاڭ گېزىتى

     قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر ئىچىدە ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى ئەڭ كۆركەم، ئەڭ ھەيۋەتلىك بولۇپ، دىيامېتىرى 270 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى چاڭ – توزان دانچىلىرى، ئۇششاق شېغىللار ۋە ئۇششاق مۇز پارچىلىرىدىن ئىبارەت.

     B ھالقا ساتۇرننىڭ نۇر ھالقىسى قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئالىملار ئۇنىڭ ‹‹بۇرمىسىمان (سپېرال) زىچلىق دولقۇنى››نى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل دولقۇننىڭ قۇرۇلما ئەندىزىسى بىۋاسىتە نۇر ھالقىسى ماسسىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل دولقۇننىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نۇر ھالقىسىنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۆلچەش نەتىجىسىدە B ھالقىنىڭ ‹‹يۈزلۈك ماسسا زىچلىقى›› تەخمىنەن ھەر كىۋادرات مېتىرنىڭ 40 ~ 140 گىرام ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ساتۇرن B ھالقىسىنىڭ ماسسىسىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىشنىڭ ئالىملارنىڭ ساتۇرن نۇر ھالقىسىنىڭ يېشى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ھۆكۈم قىلىشىغا زور ياردىمى بولىدۇ.

     كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.