مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى كەچلىك تاماق ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    مەۋلۇدە2017-05-11 12:06:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى كەچلىك تاماق ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كەچ سائەت 8:00 دىن كېيىن تاماق يېيىشنىڭ خەتىرى چوڭ ئىكەن.

     تەتقىقاتچىلار كېچە سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %80؛ كېچە سائەت 12:00 دىن سەھەر سائەت 2:00 گىچە تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %120؛ سەھەر سائەت 2:00 دىن 4:00 كىچە تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %90 ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىققان.

     تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېچىسى تاماق يېيىشنى 20 يىل ۋە ئۇنىڭدىن كۆپرەك داۋاملاشتۇرغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا %128 يۇقىرى بولىدىكەن.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.