مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ئائىلىدە «مېنىڭ دېگىنىم ھېساب»تىن ئويلىغانلىرىم

    پەرغانە غوپۇر2017-05-08 17:32:09شىنجاڭ گېزىتى

    ياسىنجان توخنىياز

     ئائىلە ئىنسان ئۈچۈن بىر مۇقەددەس ماكان. ئىناق ئائىلە مۇھىتى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر. ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بىر – بىرىنىڭ پىكرىگە بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا پايدىلىق بولغان پىكىرگە ھۆرمەت قىلىش ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈش ئائىلە ئىناقلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئىش.

     ئائىلىۋى پىكىردە ئەر بىلەن ئايال باراۋەر ئوروندا تۇرىدۇ. ئەپسۇس، بىر قىسىم ئەرلەر ‹‹ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا›› دەپ قاراپ، ئايالنىڭ ئورۇنلۇق پىكرىگە ھۆرمەت قىلماي، ئۆزىنىڭ ئەرلىكىنى پەش قىلسا، يەنە بىر قىسىم ئەرلەر ئائىلىدە ئۆزى ئىككى ئېغىز ئورۇنلۇق گەپ قىلالماي تۇرۇپمۇ ئايالىنىڭ پىكرىگە قايىل بولماي، «مېنىڭ دېگىنىم ھېساب!»دەپ تۇرۇۋېلىپ، ئائىلىدە ھوقۇق ئۈستۈنلۈكىنى تالىشىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئاز ساندىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكى ۋە ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

     ئاياللار ئۇلۇغ ئىنسان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايال ئوخشاشلا مۇھىم. ئەرلەرمۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئايالنىڭ يۆلەنچۈكى، پەرزەنتلەرنىڭ باشپاناھى. ئەرلەرگە شۇ ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش، ئائىلە ئەزالىرىنى يېتەكلەش، ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن. ئاياللارنىڭمۇ ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتى ئېغىر. ئۇلار ئائىلىنىڭ ئۇششاق – چۈششەك ئىشلىرىدىن تارتىپ پەرزەنت تەربىيەلەشكىچە، ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىدارچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقىچە بولغان ئىشلاردا خېلى ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان.

     بىز كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىمىز لازىمكى، ئائىلىدە ھوقۇق ئۈستۈنلۈكىدىن پىكىر ئۈستۈنلۈكى يۇقىرى ئورۇندا تۇرغاندىلا ئائىلە گۈللەپ روناق تاپىدۇ. ئائىلىدە كىمنىڭ پىكرى توغرا بولسا شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، بىزدە ‹‹كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس›› دېگەن گەپ بار. ئائىلىدە ئەر بولغۇچى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پىكرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشى، قايسى پىكىر توغرا بولسا ئۇ كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بەزىدە بالىلارمۇ چوڭلار ئويلىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئائىلىدە ئۆزئارا يولغا قويۇشتىن ئىبارەت پىكىر ئۈستۈنلۈكىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان بۇ كىچىك ماكانىمىزنى گۈللەرگە پۈركىشىمىز كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.